Avatar
612w
༺ᎡöᎽäᏞ ༻ (Hi No. 1360632)
سۇنۇق دىلىم بولغاندا غېرىب ،
دەردىم ئېيتتىم مەسچىتكە بېرىپ .
سەۋر بەرگىن كۆڭلۈمگە يا رەب .
ھىچ ئىنساندىن كۈتمىدىم ئۈمىد .
يالغۇز ساڭا مۇھتاجمەن پەقەت .
غەملىرىمدىن خالاس قىلغىن دەپ .

قول كۆتۈردۈم ئۈمىدلەر بىلەن ،
دۇئايىمنى قىلغىن ئىجابەت .
گۇناھلىرىم سانسىز ساناقسىز ،
بىر زامانلار ئېدىمغۇ نادان ،
يۈرەكىم تاش ، دىلىم چىراقسىز .
بىلىپ بىلمەي قىلغانلىرىمنى ،
نادانلىقتا ئېيتقانلىرىمنى ،
ئەي . . . رەھمانىم ئۆزۇڭ ئەپۇ ئەت .

ئىمانىمنى قىلغىن سالامەت ،
خۇشۇھ بەرگىن قىلسام ئىبادەت ،
كۇفرىلىقتىن ساقلىغىن رەببىم ،
ئاشىق قىلغىن يالغۇز ئۆزۈڭگە ،
ئۇرغۇپ تۇرسۇن ھەردەم يۈرەكتە .
مۇھەببېتىم ساڭىلا پەقەت .
ئۆز پەزلىڭدىن نۇر بەر يۈزۈمگە ،
كاتتا ھېساب كۈنى قىيامەت .

بولمىسا گەر سېنىڭدىن ياردەم ،
بولغان بىلەن تەنلىرىم بەردەم ،
قوللۇرۇمدىن كەلمەيدۇ ھېچ ئىش ،
بۈگۈن ياتسام ھەتتا ئەتىسى ،
كۆزلىرىمنى ئۇيقىدىن ئېچىش .
بار شادلىقىم سېنىڭ پەزلىڭدىن،
رەھمېتىڭسىز تۇرۇپتۇ نەدە ،
ئارزۇيۇمغا ئارمانغا يېتىش .

كائىناتقا ئۆزۈڭ سەن خالىق ،
ئارزۇ سەندىن ئالماق رىزالىق .
غېرىب بەندەڭ يالۋۇردى ساڭا ،
رەھمىتىڭگە قىلساڭچۇ تالىق .
دەردلىرىمگە دەرمانىم ئۆزۈڭ ،
رەھىم قىلغىن رەھمانىم ئۆزۈڭ .
ئۆز پەزلىڭدىن ئاجىز بەندىڭگە .
نېسىب قىلساڭ ئازغىنە ئامەت .
بەرگىن رەببىم سۇنۇق كۆڭلۈمگە ،
تەسكىىنلىكنى قايتىلاپ بىر رەت
بەخش ئەتسەڭچۇ دۇنيا ، ئاخىرەت . . .ئامىن ئامىن …… ئامىن
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
16 Comments
阿卜杜热会慢 : 5" 570w
M :592w
√مەنزىلىم⇜ شاھادەت☆ : 7" 592w
M :594w
↖♥χμΚ®!فەرۇق♥↙ :http://digisocial.com/p/21410300595w
Allhnig kiqik bandisi : 4" 598w
LOS~KY :600w
YoLVaS …@ : 2" 601w
YoLVaS …@ : 2" 601w
قەدەم : ✨yultuz✨603w
ALIkukDIGIZ : 6" 607w
abliz : 3" 610w
abliz : 3" 610w
ئەرافات : 5" 612w
✨yultuz✨ :surattiki sizma 612w
✨yultuz✨ :amin612w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms