585w
قا راقاش
(Hi No. 1361432)
دوكتۇر نەبىل ئەلئەۋدى~~~دەججال چىقىش دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرمەكتە ! ھازىر ئەتراپىمىزدا يۈزبېرىۋاتقان سۈرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق بىر قانچە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى دەھشەتلىك قەتلىئام قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىق ئالامەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. يەتتە دۆلەت زالىم پادىشاھلىرىنىڭ ئاغدۇرىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ :
1- ئىراقتا سادام ھۈسەيىن ھاكىمىتىنىڭ ئاغدۇرىلىشى
2- لىۋاندا ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرىلىشى
3- مىسىردا مۇبارەكنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشىشى
4- تۇنىستا زەينۇل ئابىدىننىڭ قېچىپ كېتىشى.
5- يەمەن رەئىسى ئەلى سالىھنىڭ قوغلاندى قىلىنىشى
6- لىۋىيەدە كازافىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى
7- ئەمدى ئاخىرقى نۆۋەت سۈرىيە رەئىسى بەشەر ئەسەدكە كەلدى.
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئۇرەيفى ئالەمنىڭ چېكى ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ : « ئىمام مەھدىنىڭ پەيدا بۇلىشى ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتىلىشى بىللە كەلگەن يىلى بۇلىشى مۇمكىن دەپ قەيت قىلىنغان. مانا بۇ يىل ئاي ۋە كۈن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قېتىم تۇتۇلدى. بۇنداق بۇلۇش يەرشارىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلدى . ياپونىيەدە ئېغىر يەر تەۋرەش سەۋەبلىك يېڭى ئارال بايقالدى. بۇ بىزگە رەسۇلۇللاھنىڭ دەججال ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەرب تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان بىر ئارالغا باغلانغان بولىدۇ دېگەن ھەدىسىنى ئەسلىتىدۇ.
ئەگەر قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى كۆرۈنىدىغان بولسا تەۋبە ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ. بىز يەنە قاچانغىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانماي ئازغۇنلۇقتا ياشاۋېرىمىز قېرىنداشلار! مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا. كىملەر جەننىتى ، كىملەر دوۋزىخى بولىدۇ بۇنى بىلگۈچى اللە ! بۇ يەردە سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتۇق.
جەھەننەمدە ئۈچ ئازاب ۋادىسى تەييارلانغان بولۇپ ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىمەك لازىمدۇر. ئۇلار:
1. ( ۋادى غەي ) _ بەش ۋاخ نامازنى جۇغلاپ بىر قېتىمدىلا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇلۇپ، دەھشەتلىك دوۋزاق ئوتىدا ئازابلىنىدۇ. اللە تائالا قۇرئان كەرىم سۈرە مەريەمنىڭ 59-ئايىتىدە مۇنداق دەپ خىتاب قىلىدۇ. «ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئورۇن باسارلار نامازنى تەرك ئەتتى ، نەپسى - خاھىشىگە ئەگەشتى. ئۇلار قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» .
2.( ۋادى ۋەيل ) _ بۇ ئۆزرىسىز ھالەتتە نامازنى كېچىكتۈرگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ زەھەرلىك يىلان ۋە چايانلار بىلەن تولدۇرۇلغان.
اللە تائالا قۇرئان كەرىم سۈرە مائۇننىڭ 4- ۋە 5-ئايەتلىرىدە مۇنداق دەپ خىتاب قىلىدۇ. «شۇنداق بىر ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋايكى ئۇلارنامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ.»
3. ( ۋادى سەقەر)_بۇ نامازنى تەرك ئەتكەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ فىرئەۋىن ۋە ھامانلار بىلەن بىرگە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. اللە تائالا قۇرئان كەرىم سۈرە مۇددەسسىرنىڭ42- ۋە 43-ئايەتلىرىدە مۇنداق دەپ خىتاب قىلىدۇ. «سىلەرنى دوۋزاققا كىرگۈزگەن نېمە دەپ سورايدۇ. ئۇلار جاۋابەن ئېيتىدۇ بىز ناماز ئوقۇمىدۇق.»
ئېھ جانابى اللە بىزنى دوۋزاق ئوتىدىن ساقلىغىن! ئەزىز قېرىنداشلار مانا مۇشۇ قورقۇنۇچلۇق دوۋزاق ۋادىلىرىدا ئازاپلىنىشتىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن نامازلىرىمىزنى تەرك ئەتمەيلى،ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرەيلى. شارائىتىمىز يار بەرسە نامازلىرىمىزنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولايلى! مىنۇت- سىكۇنت ۋاقتىمىزنى زايە قىلماستىن، تەۋبىگە ۋە زىكرىغا، دۇئاغا ئالدىرايلى. ئاللاھ تەرەپكە قايتايلى قېرىنداشلار! بۇنى ئوقۇغان قېرىنداشلارنىڭ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن تارقىتىپ قويىشىنى ۋە دۇئادا ياد ئېتىشنى ئۇنۇتماسلىقىنى سورايمىز...
تەرجىمىدە «مىسكىنئاي 330 » خاتىرىگۈچى « ئۇممۇ ئەزىزە » 2013 - يىلى 8-ئاينىڭ 19- كۈنى