601w
unite1991
(Hi No. 1359503)
🌹دىنسىزلارنىڭ ھەشەمەتلىك ،مەئىشەتلىك ھاياتىغا زوقلىنىپ كىتىپتىمەن ئەمما ئاللاھنىڭ <ئەگەر مۇئمىنلەرنى ئىمانىدا يىنىۋالمىسۇن دىمىگەن بولسام ، كاپىرلارنىڭ ئۆگزىگە چىقىدىغان شوتىسىنىمۇ ئالتۇندىن قىلىپ بىرەتتىم >دىگەن سۆزىنى ئۇنتۇپتىمەن.ئالىي پىكاپ ماشىنىلارغا ئېرىشىشنى خىيال قىلىپتىمەن ، ئەمما جەننەتتىكى دۇلدۇللارنى ئۇنتۇپتىمەن.
ئۆتكۈنچى دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك داچىلارغا ھەۋەس قىلىپتىمەن ، ئەمما جەننەتتىكى سارايلارنى ئۇنتۇپتىمەن ، ئاشۇ داچىلارغا ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ،خام خىياللارنى قىلىپ ، دۇنيا تىپىش ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇپ كىتىپمەن ، ئەمما ھەر كۈنى پەقەت پەقەت ئون قىتىم سۈرە فاتىھە نى ئوقۇسام ئاللاھنىڭ ماڭا جەننەتتىن بىر ساراي بىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپتىمەن.
مۇھەببەتنىڭ ئاللاھدىن كىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، ئۇنى ئەتراپىمدىن ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن . ئاشۇ ۋاقىتلىرىمنى ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسامچۇ ....
ئىشقىلىپ قەدىرلەشكە تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقۇتۇپ ، ھاياتىي دۇنيادىكى ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە شەيدا بولۇپ ئۈتۈپتىمەن .
ئەمدى بولسىمۇ يوقاتقان نەرسىلىرىمنى تىپىپ كىلىپ ، يىنىمدا بار قەدىرسىز نەرسىلەرنى يوقۇتاي . مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يەنە بىر مەڭگۈلۈك دۇنيا بارلىقىنى ئىسىمدە مەھكەم تۇتاي . قانائەتنى دوست تۇتاي ،شۇنداق بولغاندىلا ھەقىقىي ئۆزۈمگە قايتىيالايمەن .
قىرىنداشلىرىم : ئاللاھدىن مەن ئۈچۈن ھىدايەت تىلەپ قويساڭلار ، دۇئالىرىمىزدا بولسىمۇ بىر بىرىمىزنى يات ئىتىپ ، جەم بولۇپ تۇرايلى . ئاللاھ ھەقىقەتەن دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى ، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى، ھىدايەت قىلغۇچى .
ئىھ ! مىھرىبان رەببىم ، بىزنى ھىدايەت قىلغىن ، ھەق يوللاردا تەۋرەنمەي مىڭىشقا ، سەن ئۈچۈن ماللىرىمىز ، جانلىرىمىز،نەفسىمىز بىلەن كۆرەش قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن . بىز ھىلىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت ۋاقىتلىرىمىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزدۇق ، ئەمدىلىكتە بولسىمۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ ، ئاشۇ كەۋسەرلەر ئىقىپ تۇرغان ، گۈزەللكتە تىل تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان بىھىش جەننەتلىرىڭگە كىرىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا پۇرسەت بەرگىن . بىز ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق . ئىھ ! رەببىمىز ئۆزەڭ بىزنىڭ يىگانە پاسىبانىمىزسەن . ئىھ ! رەببىمىز بىزگە ئۆز فەزلىڭدىن ئىنئاملارنى بەرگىن . بىزنى ھىدايەت قىلغىن . بىز سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز ، سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز .ئىھ ! رەببىمىز بارلىقىمىزنى ساڭا پەقەت ۋە پەقەت ساڭىلا تاپشۇردۇق . ئىھ ! رەببىمىز ! بىز ھەقىقەتەن ئازغۇچىلاردۇرمىز ، سەن ھىدايەت قىلغانلارنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر ، سەن ئازدۇرغانلارنى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر. ئىھ رەببىمىز بىزنى ھىدايەت قىلغىن ، سەن ھەقىقەتەنمۇ توغرا يولدا ماڭغانلارنى ، رازىلىقىڭنى ، جەننىتىڭنى كۆزلىگەنلەرنى ھىدايەت قىلىسەن . ئىھ ! رەببىمىز ، بىزنى ھاياتىي دۇنيانىڭ مەئىشەتلىك خىياللىرىدىن ساقىلىغىن . ئىھ ! رەببىمىز ، ھەقىقەتەن سەن مۇكاپاتلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەن ، بىزنى ئۆزۈڭ مۇكاپاتلىغىن ، ھەر بىر تىنىقىمىزدىن ھىساپ بىرەلىگىدەك ئىمان ، ئىتىقاد بەرگىن . سەن ئۈچۈن جانلىرىمىزنى تەسەددۇق قىلغۇدەك غەيرەت-شىجائەت ، جاسارەت بەرگىن .
ئىھ ! رەببىمىز ، بىز پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز، پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز . ئىھ ! رەببىمىز بىزنى سەن ئىنئام قىلغانلارنى يولىغا باشلىغىن . ئىھ ! ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ، ئىھ ! كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى ! بىز ھەقىقەتەنمۇ ئاجىز ھەم ئازغۇچى بەندىلەردىن ئىكەنمىز ، ئىھ ! رەببىمىز خىياللىرىمىزنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ساقلىغىن ، جەھەننەمنىڭ تاغلارنىمۇ) ئۇۋۇۋىتىدىغان قاقشاتقۇچ ئوتلىرىدىن ساقلىغىن ، بىزنى مەشھەرگاھتا جىمى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇشتىن ساقلىغىن . بىز ھەقىقەتەنمۇ سەن ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان ، بۇ دۇنياغا پەقەت ۋە پەقەت سىناق ئۈچۈنلا كەلگەن ، ئىھ ! رەببىمىز بىزنى مۇشۇ سىناق ئالىمىدە پەقەت سەن ئۈچۈنلا ئىبادەت قىلىشقا نىسىپ قىلىغىن .
ئىھ ! رەببىمىز ! ئازغۇنلۇقتا قاساۋەت بىسىپ كەتكەن دىللىرىمىزنى قۇرئان بىلەن يۇيۇشقا ، ئېرىتىشكە نىسىپ قىلغىن ، تۈنلەردىكى تەھەججۇد نامازلىرى بىلەن ، نەپلى روزىلار بىلەن ، زاكات بىلەن ئاشۇ قارىداپ كەتكەن ، دۇنيالىقنىڭ ئازدۇرغۇچى خىياللىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن قەلبىمىزنى پاكلاشقا نىسىپ قىلغىن . ئىھ ! رەببىمىز ! بىزنى ھىدايەت قىلغىن ، بىز پەقەت ۋە پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز . سىنىڭ ئازاپلىرىڭغا پەقەت ۋە پەقەت كاپىرلار لايىقتۇر . ئىھ ! رەببىمىز ! سەن ئۈچۈن ھەمدىلىرىمىز ئۈزۈلمىسۇن ، ئاخىرقى تېنىقلارغىچە پەقەت سىنى زىكىر قىلىپ ئۆتىشكە نىسىپ قىلغىن . سەن ھەقىقەتەنمۇ قەلبلىرىمىزنىڭ پىنھانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىسەن . سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن ، سەن بىزنىڭ ھەرىكەت ، سۆزلىرىمىزدىن ، گۇناھلىرىمىزدىن غاپىل ئەمەسسەن . ئىھ ! رەببىمىز بىزنى ھىدايەت قىلغىن . ئاشۇ گۈزەل جەننەتلىرىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن . تىلسراتتىن چاقماقتەك ئۈتۈپ كىتىشكە نىسىپ قىلغىن .
مەشھەرگاھتا بارچە پەيغەمبەرلەر ئۆزۈم ئۆزۈم دەپ تۇرغاندا ، ئۈممىتىم ! ئۈممىتىم ! دەپ تۇرىدىغان سۈيۈملۈك رەسۇلىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەخىرلەنگىدەك ئۈممەتلىرىدىن بولۇشقا نىسىپ قىلغىن .
ئىھ ! رەببىمىز ، سەن ئۈچۈندۇر بارلىقىمىز ، ئۈزۈلمىسۇن ھەمدىمىز !
ئىھ ! رەببىمىز ، سەندىن باشقا يوق ئىلاھ ، بىزگە ئۆزۈڭ بولغىن پاناھ !
ئىھ ! رەببىمىز ، تىلەيمىز مەغىپىرەت سەندىن ، بىز ئۆتكۈزدۇق كۆپ گۇناھ !
ئىھ ! رەببىمىز ، دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن ، ئىمانىمىزنى نۇرلۇق قىلغىن ، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن . رىسقىمىزنى ھالال ، پاك قىلغىن ، دۇنيا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلار قاتارىدىن قىلمىغىن . ئىھ ! رەببىمىز ، ھەر ئىشمىزدا ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق . سىنىڭ رىزالىقىڭنى كۆزلىدۇق . بىزگە ئۆزۈڭ مەدەت قىلغىن ، بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن . بىزنى ھىدايەت قىلغىن ، بىزنى مەغپىرەت قىلغىن . دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن . ئىمانىمىز بىلەن دەرگاھىڭغا كىتىشكە نىسىپ ئەيلىگىن . جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىنىشقا نىسىپ قىلغىن . سىنى ۋە فەزلىڭنى ئىلىم بىلەن ھەقىقىي بىلىشكە ، تۇنۇشقا نىسىپ قىلغىن . سەن ھەقىقەتەنمۇ بۈيۈك ، شەپقەتلىك ، مىھرىبان زاتتۇرسەن .