586w
∈≡≡≡{kılıç☪}>>>>>>>>>>
(Hi No. 1362325)
مىسىردىكى قەتلىئامغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان خەلقئارا جامائەتچىلىك ئاخىرى سۈكۈتىنى بۈزدى.تۈركىيە خەۋەرلىرى
2013/08/16
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىز كېڭىشى جىددىي توپلىنىپ، «پۇقرالارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىق دەرھال توختىتىلسۇن» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەق – ھوقۇقلىرى ئالىي كومېسسارى ناۋى پىللاي باياناتىدا «مىسىر ئامانلىقنى ساقلاش قىىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى مۇستەقىل، تەرەپسىز، ئۆتكۈر ۋە ئىشەنچلىك بىر شەكىلدە چوقۇم تەكشۈرۈلىشى لازىم» دېدى.
بۇ ئىلگىرىلەشلەردىن ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، مىسىردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مۇداخىلىسىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. مىسىردىكى جىددى ھالەت ئۇقتۇرىشىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇۇشنى تەلەپ قىلدى. مىسىرنىڭ كەلگۈسىنى چوقۇم مىسىر خەلقىنىڭ بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. كېلەر ئاي مىسىر بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئورتاق ھەربىي مانۋېرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىلمۇ مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغان سسىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، «مىسىردىكى زورۋانلىقلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەملەرنىڭ يېتەرسىزلىكى، مىسىر بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە» دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چېن ساكىمۇ مىسىرغا قىلغان پۈتۈن ياردەملەرنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى، بىراق مىسىرغا ھەر يىلى قائىدە بويىچە قىلىپ كېلىنىۋاتقان ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى ھەربىي ياردەمدىن تەشكىل تاپقان 1 مىليارد 550 مىليون دوللارلىق ياردەمنى توختىتىپ قويۇش ھەققىدە بىرەر قارار مۇقۇللانمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا باياناتچىسى، يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە چىركاۋلارغا ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىمۇ ئەيىپلىدى.ياۋروپادىكى دېپلوماتلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى توپلىشىپ، مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەمۇ مىسىرنىڭ باش ئەلچىلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرىگە چاقىرىتىپ كېلىپ قەتلىئامنى ئەيىپلىدى.
دانىيە ھۆكۈمىتى مىسىرغا قىلماقچى بولغان 5 يېرىم مىليون دوللارلىق ياردەمنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.نورۋېگىيە، مىسىر ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقان ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ سودىسىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.رومېنىيە، بولۇۋاتقان ئىشلاردىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئافغانىسان، ماراكەش، ئىران، بېرازىلىيە ۋە ئارگېنتىنامۇ مىسىردىكى قەتلىئامنى ئەيىپلىدى.پاكىستان ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۆتىدىل بولۇشقا چاقىردى.
شۇنىڭدەك جوڭگونىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ ئەيىپلەش ئورۇن ئالمىدى، پەقەتلا ھەر قايسى تەرەپلەر مۆتىدىللىققا چاقىرىق قىلىندى.
رۇسىيە قايتىدىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ۋە زوراۋانلىقنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مىسىردىكى قەتلىئامغا كۆرسەتكەن قاتتىق نازارىلىقى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئالاھىدە ئىنكاس قوزغىدى.پورتۇگالىيە مېديالىرى، ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قىلغان جىددى چاقىرىقىنى نوقتىلىق خەۋەر قىلىپ تارقاتتى.ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئەكمەلىتتىن ئېھسانئوغلۇمۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنى جەمئىيەت تىنچلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇتىدىللىققا چاقىرىق قىلدى.ئىسلام دۇنياسى ئالىملار بىرلىكى بولسا، قەتلىئامنى ئەيىبلىدى.ئىيورانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا مىسىر ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغان توپلاشقان مىڭلىغان كىشى قەتلىئامغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشتا مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى مۇرەكەپ ۋەزىيىتىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مىسىر خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
مىسىردىكى قەتلىئامغا گېرمانىيە، ماراكەش، تۇنىس، غەززە، يەمەن ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوللاپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيننىڭ خۇددى قەتلىئامنىمۇ قوللاۋاتقاندەك باياناتلارنى ئېلان قىلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى .