598w
unite1991
(Hi No. 1359503)
ھەمشىرلىرىمىزنىڭ ئاتالمىش گۇزەللىك ئەلچىسى دىلنار ئابدۇللا ۋە رەيھان قاسىمغا بەرگەن جاۋابى: باشتىكى ياغلىق، ئۇچىدىكى ئۇزۇن كىيىم تەرەققىياتنىڭ توسالغۇسى بولغان بولسىدى، بېشى يېپىق يۋون رېدلىي داڭلىق مۇخبىرلىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالمىغان، يۈزى يېپىق نەسىمە روبىرتنىڭ نەشرىياتى تاقىلىپ قالغان بولاتتى. يالىڭاچلىق مەدىنىيەت بولسىدى، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدا خارلىنىۋاتقان پاھىشە قىزلارنىڭ ئۈستى ئوچۇق بولمىغان، بەزمىخانىلاردا ئۇسسۇل ئويناپ يۈرگەن قىزلار ھەممىدىن ئەقىللىق سانالغان بولاتتى. ئۆز ئاياللىرىڭىز، قىزلىرىڭىزنىڭ يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشىدىن پەخىرلەنسىڭىز بۇنداق پەيغەمبىرىمىز (س.ئە.ۋ) دەيۈزلۈك بىلەن سۈپەتلىگەن گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۆزىڭىز بېرىسىز. ئەمما باشقىلارنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرىنىڭ باش–ئۇچىسىنى ئېچىشقا ئۇرۇنغان قولىڭىز ۋە تىلىڭىزنى تارتىڭكى، ئۇلاردا سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق، سىز نۇمۇس قىلمىغان ئىشتىن باشقىلار نۇمۇس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىسا تارتقان دىل ئازارلىرىمىزنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىمىزھۆرمەتلىك رەيھان چوڭ ئانا، ئاللاھ سىزنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىلىڭىزگە ھىدايەت سالسۇن...ھىجاپ ھەرگىزمۇ سىزدىگەندەك ناچار ئادەت ئەمەس، ئانىلىرىمىز چەگكەن،ئەجدادلىرىمىز چەگكەن، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى ھەم چەگكەن،ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇنقى ئىپپەتلىك ھەم ئەخلاقلىق ئاياللار چەگكەن ئۇنى...ئاللاھ قۇرئاندا ئايال بەندىلىرگە پەرز قىلىپ چۈشۈرگەن ئۇنى! مەيلى ئەۋرەتنى ئەتلەستە يېپىڭ، دۇخاۋا ياكى رەشتىلەنگەن بىرنەسىدە يېپىڭ..ئەۋرەتنى ياپماي بولمايدۇ، ئەۋرەتنى ياشانغانلار رومال بىلەن يىپىپ ياشلار ئىچىپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس. سىز ئەۋرەتنى ياپماي، ئەتلەس كىيىپ، ئاق رومال ئارتسىڭىز ئۇسىزنىڭ ئەركىنلكىڭىز چوڭ ئانا! لېكىن ئۆزىڭىز قەتئىي چۈشەنمەيدىغان ئىسلام دىنى توغۇرسىدا پەتىۋا بەرمىسىڭىز، ئىسلام ئەرەبنىڭ، تۈرۈكنىڭ،ئۇيغۇرنىڭ ۋە ياكى ھېچقايسى بىر يەككە مىللەتنىڭ دىنى ئەمەس! ئۇ پۈتكۈل ئىنسانيەتكە چۈشۈرۈلگەن دىن! ئۇ ئىمان ئېيتىپ،قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئەھكاملىرىغا بويسۇنغان مۇسۇلماننىڭ دىنى(ھەرقانداق مىللەت بۇلۇشىدىن قەتئىي نەزەر). ھىجاب چېگىدىغان ھەتتا يۈزىنى يېپىپ يۈرۈيدىغان خەنزۇ، ياپون،ئەڭگىلىيەلىك،ئامېرىكىلىق،ھەتتا برازىلىيەلىك مۇسۇلمانلار بار...دۆلىتىمىزنىڭ ھېچقايسى قانۇنىدا پۇخرالارنىڭ ھىجابلانسا ياكى يۈزىنى ياپسا بولمايدىغانلىق توغۇرسىدا ماددا يوق! شۇ سەۋەبتىن نىڭشا تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىكى تۇڭگان دېكتورلارھىجابلىنىپ خەۋەر ئوقۇيدۇ، شۇڭلاشقا سىزدىن ئۆتۈندىغىنىم چوڭ ئانا...دۆلەت قانۇنىغا زىت،بۇلۇپمۇ ئىسلام دىنىمىزغا زىت گەپلەرنى قىلمىغان بولسىڭىز. ماشائاللاھ سىز75ياشتا ئىكەنسىز، ئاللاھىم ئۈمۈرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن،لېكىن بىلىشىڭىز كېرەككى ھەرقانداق بىر جان ئۈلۈمنى تېتىغۇچى...سىزگە شۇكۈن كەلگەندە،نەچچە مېتىر ئاق رەختكە ئىڭىكىڭىز بىلەن قوشۇپ ئورۇلۇپ «ھىجابلىنىسىز»، ئاللاھ ئۇ كۈننىڭ سىزنىڭ بۇدۇنيادا ھىجابلانغان بىرىنچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىسۇن. ئەڭ ئاخىرىدا دىلىڭىزغا ھىدايەت، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن…….ھۆرمەيلىك دىلنار ئابدۇللاھ خانىم....سىزگە ئىككى جۈملە سۆز بار پەقەت.
1.ئالدى بىلەن ئانىڭىزنىڭ بېشىدىكى ھىجابنى ئېلىۋىتىپ. ئانىڭىزنى «مەدەنىي»، «گۈزەل» قىلىڭ!
2. قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىدەك نەچچە مىليون تېلىۋىزۇر كۆرگۈچىلەر ئالدىدا سەل ئىنجىقلاپ قويسا يىرتىلىپ كىتىدىغان كىيىمنى كىيىپ يات ئەر بىلەن سۈركۈلىشىپ،چاپلىشىپ سۈيىنى چىقىرشىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان«مەدەنىي» قىزلاردىن قىلاي دىگەنما؟ ئۇنداق مەدەنىيەتلىك سىلەردىن ئايلانسۇن!.aدىلنار,دادىڭىزنىڭ ئسمىنى قوشوپ ئاتىغۇم يوق, چۈنكى ئابدۇللا دىگەن ئاللاھنىڭ قۇلى دىگەن گەپ بۇ, مانا بىزلەر, ئىمان بەرگەن ھايانى, قەدىر قىممەتنى, ئىززەتنى,قەدىرلىنىشنى ئۆزىمىزگە لازىم تۇتقان بىزدەك ئەفىفە مۇسلىمەلەرلا بىر بىرسىمىزنى ئېي ئابدۇللاھ( ئاللاھنىڭ قۇلى), ئېي ئابدۇللاھنىڭ ئاپىسى( ئاللاھنىڭ قۇلىنىڭ ئانىسى)دەپ چاقىرىشقا لايىقمىز! سىز,كىشىلەر ئالدىدا, بۇلۇپمۇ مۇسۇلمان خەلىق ئارىسىدا ,گۈزەللىك, ئەخلاق دىگەن ئېسىل خىسلەتلەردىن ئېغىز ئاچماڭ! ئەنە, سىزنىڭ ئەشۇ ئاتالمىش گۈزەللىك قۇرۇلىشىڭىزدىن ( گۈزەل)بۇلۇپ تەربىيلىنىپ چىققان قىزىڭىز! با گۈزەللىكىنىڭ ھەممىسىنى (مەندە بارى مۇشۇ شۇ)دەپلا ئېچىپلا قويغان بىچارە دەتتىكامچى! بىزلەرنىڭ گۈزەللىكىمىزدىن پەقەت ئاللاھ ھالال قىلغان جۈپتىمىزلا ھۇزۇرلىنالايدۇ,بىز پەقەت مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار بىرلا ئەرنىڭ ھەققىبىز! بىز ئۆز ئەرلىرىمىزنىڭ ئەركە مەلىكىلىرىبىز!شۇڭا بىزنى ئەرلىرىمىز يات ئەرلەردىن يىراق ساقلايدۇ,سىز ماڭىلا تەۋە جۇمۇ,ئومۇمنىڭ ئەمەس,مەن ئىشقىڭىزدا ئاشىقمەن دەپ تۇرىدۇ!!! ئەكسىنچە ئۆز ئەرلىرىنى ئۆزىگە ئاشىق قىلالمىغان بىچچارە ساپاسىز ئاياللار بولسا, پەقەت ئامال تاپالمىغانلىقتىن,تېنىم بىلەن بولسىمۇ باشقا ئەركەكلەرنى شەھۋەت نەپسىلىرى بىلەن ئۆزەمگە قارىتىپ,جەمئىيەتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تەرەپلىردە ئەرزان باھالىق شەھۋەت دورىسى بوپ يۈرەي ,دەپ ئويلايدۇ! يەنە بىر گەپ,سىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭلار نۆللىكەنغۇ? بۇ ئۇ يە بۇ يەنىڭ رەئىسى دەپ يۈرگەنلەر ئارانلا شۇنچىلىك سەۋىيەدە بىرنىمە يازامدا? بۇ بىزنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇردىكى مەشىق ماقالىمىزدىنمۇ ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەدىكى يازمىكەن بۇ? بۇنچىلىك سەۋىيەرىڭىز بىلەن ئاقنى قانداق قارا قىلالايسىز? شۇ چۈمپەردىلەر ئارىسىدا ئالدى دوكتۇر,كەينى باكلاۋېر ئۈنۋانلىق مۇسلىمەلەر بار, شۇڭا سەل بىر سەۋىيە بىلەن ئىش قىلارسىز!ئەڭ ئاخىردا بىر ئەسكەرتىش سىزگە,ئەلنىڭ قاغىشى يامان, بىكار ئەتە ئۆگۈن دىلنارخان ساقايماس كېسالگە گىرىپتار بوپتۇ دىگەن شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆزىمىزنى ياشلاپ يۈرمەيلى يەنە! يېرىم يالىڭاچلارنىچۇ راس ھازىر گۈزەللىك تارقاتقۇچىسى ئەمەس بەلكى ئەيدىز تارقاتقۇچى دەيدۇ جۇمۇ راس!!! دوسلار تارقىتىپ قويۇڭلار، گەپ بېرىپ ئگسنى تاپسۇن......
3 Comments