593w
xxx
(Hi No. 1359122)
ئوغۇل: ئۇسسۇدىڭىزمۇ؟. قىز: ياق ئوغۇل: كۈن شۇنچە ئىسسىق تۇرسا، بىز ياخشىسى سوغۇق ئىچىملىك ئىچەيلى مەن بەك ئۇسساپ كەتتىم. قىز: ماقۇل، مەن مىنرال سۇ ئىچىمەن. ئوغۇل: ھاردىڭىزمۇ؟ قىز: ياق ئوغۇل: بىز باردىغان يەر يىراق بولغانكىن تاكسىدا ئولتۇرايلى. قىز: بولىدۇ، بىراق تاكسىغا چىقمايلى، ئاۋۇ يەردە كوچا ئاپتۇبۇسى بار شۇنىڭدا بارايلى. ئوغۇل: قوسقىڭىز ئاچتىمۇ؟ قىز: ياق ئوغۇل: مىنىڭ ئاچتى بىر نەرسە يەيلى، سىز نىمە يەيسىز؟ قىز: ماقۇل، سېرىقئاش ياكى كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچەيلى، ھەم ئەرزان ھەم يىيشلىك. ئەگەر سىز ياقتۇرمىسىڭىز ئاۋۇ تەرەپتە كىچىك ئاشپۇزۇل باركەن سىزنىڭچە قانداق؟ ئوغۇل: ....... قىز: ....... ئوغۇل: سىز نىمىشقا بۇنداق قىلسىز قەستەن مىنى تېرىكتۈرەي دەۋاتامسىز؟ نىملا دىسە ئەرزان نەرسە ئىزدەيدىكەنسىز زىرىكمىدىڭىزما؟ سىز زېرىكمىسىڭىز مەن زېرىكتىم ..تازىمۇ بىر ... ئوغۇل كەتتى. قىز: قەدىرلىكىم، ئەمەليەتتە مىنىڭمۇ ئەڭ ياخشى ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈم، تاكسىدا ئولتۇرغۇم، چوڭ داڭلىق ئاشخانىلاردا تاماق يىگۈم، ئەڭ تەملىك ئەڭ قىممەت نەرسىلەرنى يىگۈم، چىرايلىق كىيىملەرنى يىگۈم كىلدۇ. بىراق مەن سىزنىڭ جاپا تارتىپ قىلشىڭىزنى كۆرگۈم يوق.پەقەت سىز بىلەنلا بىللە بولسام نىمىلا يىسەم، نىمىلا ئىچسەم، نىمىدە ئولتۇرسام، نىمىلا كىيسەم بولىۋېردۇ.چۈنكى مىنىڭ سۆيىدىغىنىم سىزنىڭ پۇلىڭىز ئەمەس، بەلكى سىز، سىزنىڭ يۈركىڭىز