Avatar
613w
Muhammad (Hi No. 1359871)
, ۋەتەن ياۋلارغا قېلىندى

قېلىچ تۇتقان شۇ قوللاردا ، دۇتتار - تەمبۇر چېلىندى ،
ساداق قايرىغان بىلەكلەر ، ئۇسۇل-ساماغىلا بىرىلدى .
ياۋ-دۈشمەن باسقىنى بىزگە ، مەيىن شامال بىلىندى ،
دۈشمەن سالغان يەم-قارماققا پۈتۈن خەلق ئىلىندى .
ۋەتەن قوغدارغا ئەركەك يوق، ۋەتەن ياۋلارغا قېلىندى .

دىدى ، ياۋ يېڭى كەلگەندە « پېقىر قۇللىرى كەلدى »
«ئېيتسىلا غوجام پەقەت بىزگە نىمە غەملىرى قالدى»
« بەرسىلە قېلىچنى غوجام بىزگە، بىلەكلىرى تالدى »
دەۋەردى ئاشۇنداق تاتلىق ، تىزلا مۈگدەككە سالدى ،
جەڭ بۇرغىسى چېلىنماي، «ئەللەي» كۈيى چېلىندى .

ياۋ كىلىپ بارگاھ تىكمەي مەن سىنىڭ دوستۇڭ دىدى ،
بۇ تۇپراق مەڭگۈ سىنىڭ ، مەن ياخشى قوشناڭ دىدى .
مەن ساڭا ئەسكەر بىرەي، زىمىننى مەن قوغداي دىدى ،
ئۇنى دىدى - بۇنى دىدى، ئۆزىنى گويا بىر خىزىر دىدى .
ئەزىز خەلقىم بۇنى بىلەلمەي ھەم جەڭ قىلمايلا يېڭىلدى .

دىدى «ئۆكۈزنى يەيلى، تۇلۇققا بىز بار»، دىدۇق «مەيلى! »
دىدى « قۇشقاچ دىگەن ئاشلىق ئۇغۇرسى ئۇنىمۇ يەيلى »
« ئاچارچىلىق ۋاقتى ھازىر، يىگدەكنىڭ ھەممنى يەيلى »
شۇنداق قىلىپ يەپ قۇرۇتتى، بىزلەر دىدۇق ھامان مەيلى .
ھازىر مانا ئۆكۈز ھەم يوق، خەلقىم تۇلۇققا ئۆزى قېتىلدى .

«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلى 2005-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
2 Comments
muhajir : 4" 570w
musapir : 4" 582w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms