Avatar
622w
mujahid (Hi No. 1360045)
‏ «قۇدرەت بەرگىن»
دىلىمنى ئاغرىتتى دىلىمدىكىلەر...
‏‏كۆڭلۈمنى ئاغرىتتى تىلىمدىكىلەر...
‏‏ئاپتابىم شامالىم يېنىمدىكىلەر...
‏مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...
‏ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن...
‏
‏ زەھەرلەر كەلتۈرۈلدى شاراپلار تۇتتۇم...
‏ غەيۋەتلەر ئويدۇردى ئتائەت تۇتتۇم...
‏ قەسەملەر ئچتى ھەم ساباھلەر تۇتتۇم...
‏ ‏مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...
‏ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن...
‏
‏داستىخان تۆرۈمدە شەربەت تارتىلەر...
‏يۈرۈگۈم ئارقىڭدىن غەيۋەت ئاتتىلەر...
‏ئۇلار بۇنچە مىنى ئاسان سوقتىلەر...
‏مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...
‏‏ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن...
‏
‏ دۈشمىنىم ھەيياردۇر پەيىتنى پايلايدۇ...
‏ دوستۇم بولسا نادان سۇنى لايلايدۇ...
‏ ئىككىسى بىر بۇلۇپ كۆزۈمنى باغلايدۇ...
‏ مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...

‏......‏...جېنىمغا جازادۇر جېنىمدىكىلەر.....
‏.......كۆزۈمنىڭ قاراسى قېنىمدىكىلەر.....
‏.......ئىۋاھ يىگانىدۇر يېنىمدىكىلەر.....
‏مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...
ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن...
‏
‏ ئەسلىدە دوس ھەم بىر دۈشمەننىڭ تۈرى...
‏‏ دۈشمەننىڭ ئۆزلىرى دۈشمەننىڭ سىرى...
‏ چۈنكى قۇلىدادۇر كۆڭلىڭنىڭ شىرى...
‏ مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...
‏ ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن...

‏ ‏بېشىڭغا بالادۇر بالادۇر كۆڭلۈم...
‏ بىر سۆزنىڭ تىغىدن يارادۇر كۆڭلۈم...
‏ دوس ھەم دۈشمەن ئارا ئادادۇر كۆڭلۈم...
‏ ‏ مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...
‏ ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن...
‏
‏ ئۆزۈڭدىن يوق ئۆزگە مىخ كەبى جانىم...
‏ئۆزۈڭ سەن سۇلتانىم ئۆزۈڭ خاقانىم...
‏ ئوتتا كۆيدۈرمىگىن ئككى جاھانىم...
‏‏ مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...
‏ ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن...
‏‏ مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن...
‏ ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن...
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
1 Comment
AY :复制kilammidim.hapabolmay ewtip biralasiMU578w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms