605w
Muhammad
(Hi No. 1359871)
پۈتۈن دۇنيانى بەرسىمۇ…پۈتۈن دۇنيانى بەرسىمۇ…
مەزكۇر ئەسەرنى بلوگمىزغا سوۋغا قىلغان تەرجىمان زەينەپخانغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئوسمانلىنىڭ ئىستانبۇلنى فەتھى قىلغان مەشھۇر سۇلتانى فاتىھ سۇلتان مەھمەت خاننىڭ ئوغلى سۇلتان 2-بايەزىدخان (1447-1512) بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى جەم سۇلتان ئارىسىدىكى تەخت تالىشىش جېدىلى تارىختىكى بىر مەشھۇر ۋەقە بولۇپ، سۇلتان بايەزىدخان پادىشاھ بولغان دەسلەپكى تۆت يىلدا بۇ تەخت تالىشىش جېدىلى بىلەن مەشغۇل بولغانتى. تەخت تالىشىش كۈرىشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بەزى ۋەقەلەر ئاچچىق ساۋاق، ئىبرەتلەر بىلەن تولغان. چۈنكى بۇ كۈرەشتە ئۇلارنىڭ دىن ۋە ئىمان جەھەتتىكى سەۋىيىسى نامايەن بولغان.
ئاكىسى بايەزىدخاننىڭ پادىشاھ بولۇشىغا نارازى بولغان جەم سۇلتان ئاكىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، خرىستىئان رودۇس چەۋەندازلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئالدىنىپ رودوسقا بارىدۇ. ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمىز دەپ ۋەدە قىلغان رودوس چەۋەندازلىرى ئۇنىڭغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇنى ئەسىردەك يالاپ ئاپىرىپ پاپاغا سېتىۋېتىدۇ. پاپا ئۇنىڭغا ئاكىسى بايەزىدخانغا قارشى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن جەم سۇلتاننى خرىستىئان دىنىغا كىرىشىكە دەۋەت قىلىدۇ. بۇ دەۋەت جەم سۇلتاننىڭ قاتتىق ئاچچىغىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇ پاپاغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
- ھېلىغۇ ئوسمانلى پادىشاھلىقى ئىكەن، ماڭا پۈتۈن دۇنيانى بەرسەڭمۇ، مەن دىنىمنى قەتئىي ئۆزگەرتمەيمەن!
جەم سۇلتان خرىستىئانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆزىدىن پايدىلانماقچى بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. ئاللاھۇتائالاغا يالۋۇرۇپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ:
- ئەي رەببىم! كاپىرلار ئەگەر ئىسلامغا زىيان سېلىش ئۈچۈن مەندىن پايدىلانماقچى بولسا، مەن بەندەڭنى ئەمدى ياشاتمىغىن! جېنىمنى بالدۇرراق ئالغىن!
ۋاپات بولۇش ئالدىدا يېنىدىكىلەرگە مۇنداق ۋەسىيەت قىلىدۇ:
- مېنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىمنى ھەممە يەرگە تارقىتىڭلار. كاپىرلارنىڭ مەندىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئوينىماقچى بولغان ئويۇنلىرىغا خاتىمە بېرىلسۇن. ئاكام سۇلتان بايەزىدخاننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن شۇنى ئۆتىنىڭلاركى، قانچىلىك تەس بولۇشىدىن قەتئىنەزەر مېنىڭ جەسىدىمنى ۋەتىنىمىزگە ئېلىپ كەتسۇن. كاپىر دۆلەتتە يېتىشنى ئەسلا خالىمايمەن. ھازىرغىچە بولغۇلۇق بولۇپ بولدى، ئەمدى سۇلتان ئاخىرقى ئۆتۈنىشمنى رەت قىلمىغاي. مەرھەمەت قىلىپ بارلىق قەرزىمنى تۆلىۋەتكەي. رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا قەرزدار پېتى بارغۇم يوق. ئائىلەم، بالاچاقىلىرىم ۋە خىزمەتچىلىرىمنى ئەپۇ قىلغاي. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلغاي.
ھەر قانداق بىر ئىنسان جەم سۇلتانغا ئوخشاش چوڭ كىچىك خاتالىقتىن خالىي بولالماسلىقى مومكىن. بىراق ئەڭ مۇھىم بولغىنى خاتالىقىنى ھېس قىلغان ھامان دەرھال بۇ خاتالىقتىن قول ئۈزۈشتۇر. جەم سۇلتاننىڭ ئاكىسى بايەزىدخان ئىنىسىنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئۇرۇنلىدى. ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئىككى ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكىتىدە ئەكىس ئەتكەن مۇسۇلمانلىق خاراكتېرى: دىنىغا ۋە ئىمانىغا سادىق بولۇش، ۋەتىنىنى سۆيۈش، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى پىدا قىلىش، ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىش … قاتارلىقلار.
يازما ئاپتورى: ئانا
مېنىڭ ئېچىل داستىخىنىم يوق،بالام نېمە يەيمەن دېسە تۆكۈپ بېرەلمەيمەن،ئەمما بالام نېمە سورىسا دەپ بېرەلەيدىغان،ئانىلار ۋە ئانا بولۇش ئالدىدىكىلەر پايدىلىنالايدىغان مول مەزمۇنلۇق بىر قامۇس بولغۇم بار،كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالام پەخىرلىنىش ئىچرە :«ئانام شۇنداق ئۆگەتكەن»دەپ قالالىسا بۇ مېنىڭ ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ ئەڭ زور مۇۋاپىقىيىتى...
يازما ھوقۇقى: ئەي بالام تورىغا تەۋە
يازما ئادىرىسى: http://www.aybalam.com/1557.html