596w
Muhammad
(Hi No. 1359871)
پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى، نەسەب جەھەتتە جاھان كىشىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئېسىلى، ئەخلاقتا ئىنسانىيەتنىڭ يېگانە ئۈلگىسى، پۈتكۈل ئادەم بالىلىرىنىڭ مۇئەللىمى، ئادالەت مەشئىلى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە پەيغەمبىرى ھەزىرتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مىلادىيە 571-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى مەككە شەھىرى، بەنى ھاشىم كوچىسى، تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ قورۇسىدا تۇغۇلغان. «مۇھەممەد»دېگەن ئىسم «زىيادە ماختالغۇچى»دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە ۋە ئۆزىدىن كېيىن تاكى قىيامەت قايىمغىچە كېلىدىغان ئىنسانلار ئارىسىدا ھەردائىم بۈيۈك ناملىرى زىكىر قىلىنىپ، دۇرۇت سالاملار يوللىنىپ تۇرىدىغان بۇ زات ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئىككى ئايلىق بولغاندا دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ ۋاپات بولدى. 4 يېشىدا پەرىشتىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۆرىكىنى يېرىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى يۇيۇپ چىقىرۋەتتى. ئالتە يېشىدا ئانىسى ئامىنە، 8 يېشىدا چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ۋاپات بولدى، ئاندىن تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتتى،12يېشىدا تاغىسى بىلەن بىللە شامغا باردى. بىر ئۆمۈر غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆزىگە تاللىغان بولسىمۇ، روھى زىيادە باي، كۆزى توق، قولى ئوچۇق، مىجەزى مۇلايىم، ئادالىتى زىيادە، تەققى-تۇرقى قاملاشقان، كىىشلەر ئارىسىدا ئىشەنچىلىك بۇزات 25 يېشىدا خەدىچە ئانىمىزنى نىكاھىغا ئالدى، مىلادىيە 610-يىلى 40 يېشىدا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 13 يىل مەككىدە ، 10 يىل مەدىنىدە تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى قۇرئان كەرىم ۋەئۆزىنىڭ سۈننىتىنى ۋاپات بولغۇچە بولغان 23 يىل ئىچىدە ئىنسانىيەتكە مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. 23 يىل پەيغەمبەرلىك قىلىش جەريانىدا كىشىلەرنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىشتىن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ناھەقچىلىككە بويۇن ئېگىشتىن ئادالەت تۇرمۇش كەچۈرۈشكە چاقىرىپ، چېچىلاڭغۇ، ئۇرۇشقاق، ئاڭسىز ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئىسلام بايرىقى ئاستىغا ئويۇشتۇرۇپ، يەرشارىنى ئىمان نۇرى، ئىسلامنىڭ ئادالىتى بىلەن زىننەتلىدى؛ قانخور، ھاكاۋۇر، نادان، بەتقىلىق ھۆكۈمرانلار بۇ زاتنىڭ مىسلىسىز ئادالىتى ۋە يېگانە ھەيۋىتى ئالدىدا باشلىرنى ئېگىشىتى. ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار، ئاسمان بىلەن زېمىن، تەن بىلەن روھ ئارىسىدا مۇستەھكەم ئالاقە ئورنىتىپ، قەبىلىۋازلىق، گورۇھۋازلىق، مىللەتچىلىك پاتقىقىغا پاتقان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ئۆز-ئارا قېرىنداش قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تاغ،جىلغىلار ئارىسىدىن چىقىرىپ، ئىنسانىيەتكە يەرشارىلىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئېچىپ بەردى. پۈتكۈل ئۆمىرىنى ئىنسانىيەتنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ۋەزىپىسىگە سەرپ قىلغان، يەر يۈزدىكى بۇزۇقچىلىققا شىىددەتلىك ئوت ئېچىپ، ئەھلى جاھانغا ئەخلاق ۋە ئادالەتنى كەڭرى تاراتقان بۇ بۈيۈك زات ئادەم بالىلىرىغا ئىلىم، ئادالەت، ئەخلاق ۋە ۋە ئاللاھقا چىن ئىخلاسى بىلەن بەندىچىلىك قىلىشنى مىراس قىلىپ، قىسقىسى ئىنسانىيەتكە نېمە پايدىلىق بولسا شۇنى مىراس قىلىپ، ھالاكەتلىك ئىشلاردىن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئارمانسىز ھالدا مىلادىيە 632-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى(ھىجىريىنىڭ 11-يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 13-كۈنى) چۈشتىن بۇرۇن، ئىسلامىيەتنىڭ مەركىزى مەدىنە مۇنەۋۋەردە، قەمەرىيە يىلنامىسى بويىچە 63يېشىدا، شەمسىيە يىلنامىسى بويىچە 61 يېشىدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى.پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.