601w
🌺ئامىنە🌺
(Hi No. 1358340)
نۆۋەتچى پويىزنىڭ بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆت كىشلىك ئورۇندۇقىدا ئۆز-ئارا تونۇشمايدىغان تۆت ئادەم بىللە ئولتۇرۇپ سەپەرداش بولۇپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ساقچى، بىرى ياشانغان موماي، يەنە بىرى ئوغرى، ئاخىرقىسى بولسا چىرايلىق ياش قىز ئىكەن.پويىز كېتىۋېتىپ توساتتىن توغرا كېلىپ قالغان تونىلدىن ئۆتۈپ بولغۇچە پويىز ئىچى ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە قىسقا ۋاقىت قاراڭغۇلۇققا چۆمۈلۈپتۇ، دەل شۇ ئارىلىقتا «چوك» قىلىپ سۆيگەن ئاۋازنىڭ ئارقىدىن يەنە «چاڭ» قىلغان شاپىلاق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ-دە، ئولتۇرغان تۆتەيلەن ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا تۆۋەندىكىدەك خىيال قىلىشىپتۇ:
موماي: بارىكاللا، غورۇرلۇق قىز ئىكەن، ئۆز غورۇرىنى قوغداش ئۈچۈن يۈرەكلىك ھالدا بۇ نومۇسسىزنى بىر كاچات ئۇردى.
قىز: تازىمۇ ئەخمەق يىگىت ئىكەن، مەندەك چىرايلىق قىز تۇرغان يەردە بۇ قېرى موماينى سۆيۈپ،ئۇنى ئاز دەپ يەنە بىر كاچات يەۋالدى.
ساقچى: تازىمۇ نەس باستى، سۆيۈشنى باشقىلار سۆيسە، كاچاتنى مەن يېدىم.
ئوغرى: تازا ئاچچىقىم چىقتى! قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ قولىغا ئۆزۈم سۆيۈپ، بۇ ساقچىنى بىر كاچات ئۇرىۋالدىم./憨笑