597w
كۇزەل ئاتۇش
(Hi No. 1363068)
توساتتىن ئويلاپ قالدىم. دوستلۇق دىگەن زادى نىمە؟ كۈندە ئىزدىشىپ تۇرۇش، توختىماي تېلفۇنلىشىشمۇ؟
ياكى كۆرسە ھالى يوق كۆرمىسە كارى يوق يۈرۈشمۇ؟
ئويلاپ باقسام نۇرغۇن دوستلۇرۇم بار ئىكەن. بىراق مەن ئۆزۈمنى يەنىلا يالغۇز ھىس قىلىمەن.
پەيغەمبىرىمىز محمد صلى الله عليه وسلم:
«ئۇچراشقاندا سىزگە ئاللاھنى ئەسلەتكەن، سۆزلەشكەندە بىلىمىڭىزنى كۆپەيتكەن، بىلىمى بىلەن سىزگە ئاخىرەتنى ئەسلەتكەن دوست، سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىڭىزدۇر. » دىگەن.
شۇنىڭغا قارىغاندا دوستلىرى جىق بولسىلا ھېساپ ئەمەس ئىكەن. بەلكى، ئەڭ مۇھىمى سەن يالغۇزسىرىغاندا، مۇھتاج بولغاندا ئىككىلەنمەي يېنىڭدا بولالايدىغان، خاتا قىلساڭ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان، ساڭا ئاللاھنى ئەسلىتەلەيدىغان چىن دوستۇڭنىڭ بولىشى ئىكەن.
مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى دوستۇڭ كۆپ بولسا ياخشى. بولمىسىمۇ ھىچقىسى يوق.
بەزىلەر دەيدىكەن(دوستى جىقنىڭ تويى قىززىيدۇ)دەپ، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ دوستى ئاز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
لىكىن مىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم دوستۇمنىڭ ئازلىقىدىن تويۇمنىڭ قىززىماسلىقى ئەمەس، بەلكى مەن ئۆلگەندە جىنازامنى كۆتۈردىغان تۆت دوستۇمنىڭ بولماسلىقى. ماڭا كېرىكى ئاشۇنداق تۆتلا چىن دوست.
ئاللاھىم ماڭا ھەر ئۇچراشقاندا سىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان، دۇئالىرىدا ياد ئېتىپ تۇرىدىغان شۇنداق چىن دوستلارنى ھاياتىمغا ھەمراھ قىلغايسەن!!! ئامىن !!!