597w
arkam
(Hi No. 1361052)
ب د ت دىكى تىنچلىق ساقلاش ساقچىلىرى مانۋىر قىپتۇ.ئامىرىكىنىڭ، ئەنگىليەنىڭ، جۇڭگونىڭ ساقچىلىرى تەرتىپ بويىنچە بىر ئورمانلىق ئالدىغا كەپتۇ. باشلىق؛ قولىدىكى قىزىل لىنتىنى بىر توشقاننىڭ بوينىغا چىگپ، ھەربىر دۆلەتنىڭ ساقچىلىرى بىر-بىر دىن كىرىپ توشقاننى تۇتۇپ چىقىڭلار ۋاقىت ھىساپلايمىز دەپ توشقاننى قويۋىتىپتۇ.
1-ئامىرىكىنىڭ ساقچىلىرى كىرىپكىتىپ 20 مىنىۇتتا تۇتۇپ چىقىپتۇ.
2-ئەنگىليەنىڭ كىرىپ كېتىپ 25 مىنۇتتا تۇتۇپ چىقىپتۇ.
3-جۇڭگونىڭ كىرىپ كېتىپ 30 مىنۇت بوپتۇ چىقماپتۇ، 40 مىنۇت بوپتۇ چىقماپتۇ. 1 سائەت يەنە يوق؟
ئۇلار ئەنسىرەشكە باشلاپتۇ. نېمە بوپكەتتى؟ بىرەر كىلىشمەسسلىك بولمىغاندۇ؟
باشلىقنىڭ بۇيرىقى بىلەن ھەممىسى ئۇلارنى ئىزلەپ ئورمانلىققا كىرىپتۇ.
ئىزدە-ئىزدە ئورماننىڭ قارڭغۇ بىريىرگە كېلىپ قارىسا ھىلقىلار بىر بىچچارە ئېشەكنى تۇتۇۋالغان .ھەممىسى تەرەپ تەرەپتىن ئۇرۇۋاتقۇدەك.
جوڭگۇساقچىلىرى-:تىز ئېيتە سەن زادى توشقانمۇ ئەمەسمۇ؟
ئىشەك-:مەن قانداقمۇ توشقان بولاي؟ مەندىگەن ئىشەك.
جوڭگۇ ساقچىلىرى-:سەن توشقان بولمىساڭ نىمىشقا توشقاندەك ئۇزۇن قۇلاق قويۋالىسەن؟
ساقچىلار بىرتەرەپتىن سوراق قىلغاچ بىرتەرەپتىن ئىشەكنى بولىشىغا ئۇرۇپتۇ
ئاغرىق ئازابىغا چىدىمىغان ئىشەك«ۋاي مەن توشقان»دەپ ۋارقىرىۋىتىپتۇ
ئۇزاق ئۆتمەي مانىۋېر ئەمىلي ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئىلىش ئۈچۈن مۇخبىرلار بەس -بەستە يىتىپ كەپتۇ مۇخبىرلا كۆز ئالدىدىكى ئىشەكنىڭ ئۆزىنى توشقان دەپ چاقىرىشىدىن ھەيران بولۇپ سوراپتۇ
مۇخبىر:-ياخشىمۇسىز ۋاڭ ئەتىرەت باشلىقى .بىزگە چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز ،بۇ ئىشەك قانداقسىگە توشقان بوپقالدى؟
ساقچى:-بۇ گەپكە يەنىلا ئىشەك ئۆزى جاۋاپ بەرسۇن.دىدى
ھەممە بىردەك ئىشەككە تىكىلىشتى
جوڭگۇلۇق ساقچى باشلىقى يەنە ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ «ئەگەر ئېغىلدىكى تەخەيلىرىڭنى ئامان-ئىسەن چوڭ بولسۇن دىسەڭ كاللاڭنى ئىشلىتىپ بىرئىشقىل»دىدى
ئىلاجسىز قالغان ئىشەك مۇخبىرلارغا قاراپ:سىلەرگە ئىيتسام بەلكىم ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن.مەن بولسام بىر توشقان. مىنىڭ نىمىشقا بۇنداق چوڭىيىپ كەتكىنىمنى بىلمەيسىلەر. ئىلگىرى مەنمۇ مۇشتۇمچىلىك كىچىك بىر توشقان ئىدىم . پارتىيىمىزنىڭ ئىلغار سىياسىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قوسىغىمىز توق-كىيمىمىز پۈتۈن بولدى. بۇرۇن دەرەخنىڭ ئاستىنى كولاپ ئۇۋا ياسايتۇق ھازىر پارتىيىمىز يەر تەۋرەشكە چىداملىق پاخال قۇرۇلمىلىق يازدا ئىسسىق قىشتا سالقىن ئېغىل سىلىپ بەردى. ھال كۈنىمىز ياخشىلىنىپ ھەممە توشقانلار مۇشۇنداق ئىشەكدەك سەمىرىپ كىتىشتۇق. ئادەتتە بىزنى كۆپىنچى كىشىلەر بىر قاراپلا ئىشەككە ئوخشىتىپ قىلىشىدۇ.ھازىر بەزى شىر يولۋاسلارمۇ ئالدىراپ بىزگە چىقىلالمايدۇ. خەلق ساقچىلىرىمىز ھەر بەش مىتىر جايدا بىردىن چازا قۇرۇپ بىزدەك ئۇزۇن قۇلاق قويغانلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.پارتىيە ھۆكىمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلىقىنى ئۆلسەكمۇ قايتۇرۇپ بولالمايمىز»دەپ كۆزيېشى قىپتۇ ئىشەك./::>/::>/::>/::>/::>/::>/::>/::>