597w
mujahid
(Hi No. 1360045)
……… شۇنداق ! تىنىۋاتقىنىم نىئىمەت ئەمەسمۇ ؟ كۆرۋاتقىنىم نىئىمەت ئەمەسمۇ ؟ يەۋاتقىنىم، ئاڭلاۋاتقىنىم، مېڭىۋاتقىنىم، ھەممىسى نىئىمەت ئەمەسمۇ ؟ چارچىسام ئۇخلايمەن ئەمما يەرشارى مىنىڭ تەڭپۇڭلىقىم ئۈچۈن ئۇخلىمايدۇ، قۇياش مىنىڭ ئىنىرگىيىەم ئۈچۈن ئۇخلىمايدۇ، زىمىن مىنىڭ نىئمەتلىرىلىرىم ئۈچۈن ئۇخلىمايدۇ. دەريا-دېڭىزلار مىنىڭ تەشنالىقىم ئۈچۈن ئۇخلىمايدۇ. بۇ لارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان كىم ؟ يەنىلا رەببىم ئەمەسمۇ ؟! مەن قانچىلىك ئىبادەت قىلالىدىم ؟ گۇناھتىن قانچىلىك ئۈزۈمنى ساقلىيالىدىم ؟ اللەنىڭ نىئمەتلىرىنى قانچىلىك تۇنىيالىدىم ؟ مەن ئاسى بولماي كىم ئاسىي . . .رەسۇلۇللاھ نىڭ كىچىلەردە ناماز بىلەن تۇرۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كىتىدىكەن. ئۆمەرنى كۆرگەن شەيتان دىر-دىر تىتىرەپ قاچىدىكەن.
ئۇلار قايسى كۆرگەن راھىتىگە شۇنچىلىك ئىبادەت قىلىدۇ ؟ نىمىگە شۈكىرى ئېيتىدۇ ؟ مەنچىلىك راھەت ئىچىدە ئۆتكەن بولسا ئىبادەتنى قاندا قىلار بولغىيدى؟ ئىستىغپاردىن قانچىلىك ئېيتار بولغىيدى ؟ ئەي رەببىم يۇلۇڭنى ئۇچۇق كۆرسىتىپ بەردىڭ. شەيتانغا ئەگىشىپ كەتتۇق، تەۋبىگە پۇرسەت بەردىڭ لايىقىدا تەۋبە قىلىپ بۇلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !
نىئمەتنى ئايىماي بەردىڭ، بەھىرلەندۇق. شۈكۈرى قىلساق تخىمۇ كۆپ بىرىشكە ۋەدە قىلدىڭ لايىقىڭدا شۈكۈرى قىلىپ بۇلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !
خاتا يوللارنى ئۇچۇق كۆرسىتىپ بەردىڭ ساقلىنىپ بۇلالمىدۇق، ۋەدە قىلغان جازا بىلەن جازالىمىدىڭ رەھمىدىللىكىڭنى بىلىپ بۇلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !
ھالالنى ئۇچۇق، ھارامنى ئۇچۇق كۆرسىتىپ بەردىڭ ئارلاشتۇرۇپ قويدۇق. نەپسىمىز بۇلغاندى ئىمانىمىز ئاجىزلاشتى تەقۋالىقىمىز يۇقالدى بىزنى ئەپۇ ئەت !
جۆمەكلىرىمىزدە سۇ، ئۆيلىرىمىزدە جەيناماز، ئىلكىمىزدە ۋاقىت، يېتەرلىك تۇرۇپ سەجدىگە بېشىمىزنى، ھوزۇرۇڭدا يېشىمىزنى قۇيۇپ بۇلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !
شۇنچىلىك يۈزىمىز قېلىن ئىكەنكى كۈنىگە ئۈچ ۋاق ئېسىل تاماق يەيمىز ، ئۈچ قېتىم شۈكرانە سەجدىسى قىلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !
ئۇلۇغ رەببىم ! گۇناھلارغا پاتقىنىم ئۈچۈن ھەرقانداق ئېغىر جازاغا لايىقمەن، گۇناھىمدىن سىنىڭ رەھمىتىڭ چوڭ دەپ ئۈمۈتۋارمەن.
ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەممىنى قىلالايدىغان تۇرۇپ، ھەممىدىن ساقلىنالايدىغان تۇرۇپ ئېزىپ كەتتىم، خاتالىق سادىر قىلدىم. ھېچقانداق ئۆزرەم يوق، مەن سىنىڭ جازايىڭغا لايىق، مەن سىنىڭ دەۋزىخىڭگە لايىق، مەن سىنىڭ كۆيدۈرشۈڭگە لايىق ، مىنى ئەپۇ قىلغىن ماڭا ھىدايەت بەرگىن. ئاش-نان بەرمەي ئاچ قويساڭ مەيلى ھىدايەتسىز قويمىغىن. كىيىم كىچەكلىرىمدىن، جېنىمدىن ئايرىساڭ مەيلى تەقۋالىقىمدىن ئايرىمىغىن ، ھەرقانداق- ھوزۇر ھالاۋەتتىن مەھرۇم قالسام مەيلى ئىبادەتنىڭ ھوزۇرىدىن مەھرۇم قويمىغىن.
مەن ئاسىيمەن، مەن گۇناھكارمەن. قوللىرىم، پۇتلىرىم، كۆزلىرىم، ھەممە، ھەممە نىمەم ئاسىيدۇ. ھەممىسى گۇناھلىقتۇر. مىنىڭ بېشىمنى پەقەت ۋە پەقەت سەجدىگىلا ئەگدۈرگىن !سىنىڭ ھەممىگە قۇدىرىتىڭ يىتىدۇ، ھىەممىنى قىلالايسەن. ئىمانىمغا، تەقۋالىقىمغا سىناق بەرمىگىن ئۆتەلمەيمەن. مىنى ئەپۇ قىل رەببىم ! سەندىن ئىككىلا تىلىكىم بار
بىرى بۇرۇنقى بارلىق خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىل ! ئىككىنچى ئىمانىمدىن، تەقۋالىقىمدىن ئايرىمىغىن !
مىنى ئەپۇ ئەت ! مىنى ئەپۇ ئەت ! مىنى ئەپۇ ئەت ! ئۇلۇغ رەببىم........بىزنى ئۇلۇغ رامىزاننىڭ بەركاتىدىن كەچۇرۋەتسە ئاميىن ئاميىن ئاميىن