597w
mujahid
(Hi No. 1360045)
ناماز ئۇقۇشنى خالىمايدىغانلار ئىبرەت ئېلىپ قۇيۇڭلار شەيتاننىڭ بۇيۇنتۇرقىنى ئۈزۈشكە كۈچۈڭلار يىتىەمدۇ يەتمەمدۇ [疑问]شەيتاننىڭ ئۈچ ئارغامچىسى بۇلۇپ، بىرىنچى ئارغامچىسى - يېپ-يېڭى، ئىككىنچى ئارغامچىسى - بىرە-بىر ئۇلاق ھالەتتە، ئۈچىنچى ئارغامچىسى - بەك تۇلا ئۇلاق بىلەن تولغان بۇلۇپ، ساق يېرى قالمىغانىكەن.
پەرىشتىلەر سورايدىكەنكى: <ئى شەيتان دەپ باقە، بۇ ئۈچ ئارغامچاڭ نىمىشقا بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ؟ بۇنىڭدا نىمە سىرلار بار؟> .
لەنىتى شەيتان جاۋاپ بېرىپتۇ: بۇ ئۈچ ئارغامچا مېنىڭ ئىنسانلارنىڭ بوينىغا سېلىپ ئۇلارنى يۈگەنلەيدىغان بويۇنتۇرۇقۇم. ماۋۇ يېپ-يېڭىسى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىنسانلاردىن بۇلۇپ، بۇ خىل كىشىلەر مېنىڭ سىزغان سىزىقىمدىن چىقالمايدۇ. مەن بويرۇغان گۇناھ ئىشلارنىڭ جىمىسىنى تۇلۇق قىلىدۇ. ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇشۇ ئاغامچىنىڭ ئىچىدىلا يۈرىيدۇ، مەن بۇنداقلاردىن بەك خاتىرجەم.
-ماۋۇ بىرە- بىر ئۇلىقى بار ئىككىنچى ئارغامچامدىكى كىشىلەرمۇ ئاساسەن مېنىڭ كونتىروللۇقۇمدا، بىراق بەزى چاغلاردا ئارغامچامنى تۇيۇقسىز ۋاسسىدە ئۈزۈۋېتىدۇ -دە، جۈمە نامىزى ئوقۇغىلى كېتىپ قالىدۇ، ياكى بولمىسا بامدات نامىزى ئوقۇيمەن دەپ يەنە بۇ ئارغامچامنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بىراق بۇنداق ئادەملەردىنمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەيمەن، نامازنى تۈگىتىپ چىقسىلا ئارغامچامنى ئۇلاپ يەنە ئۇلارنىڭ بوينىغا سېلىۋالىمەن، خېلى ئۇزۇنغىچە ئۈزەلمەيدۇ، ئۇنداقلارغا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەن ھۈكۈمرانلىق قىلىمەن، دەپتۇ شەيتان مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىپ.
-ماۋۇ ساق يېرى قالمىغان ئۇلاق ئارغامچىدىكى ئادەمگە كەلسەك، بۇ خىل كىشىلەر مېنى زار -زار قاقشىتىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئارغامچىنى بوينىغا سالاي دەپ تۇرۇشۇمغا تۇتۇق بەرمەي تاھارەت ئېلىپ بامدات نامىزى ئۆتىۋالىدۇ، بوينىغا ئارغامچىنى ئەمدى سېلىشىمغا يەنە ۋاسسىدە ئۈزۈۋالىدۇ -دە، پىشىن نامىزى ئۆتىگىلى ماڭىدۇ، ئاغامچىنى يەنە ئاران ئۇلاپ بوينىغا سېلىشىمغا يەنە ئۈزۈپ ئەسىر نامىزىغا ماڭىدۇ .....ئىشقىلىپ كۈندە نەچچە قېتىم ئۇلايمەن، ئۇ نەچچە ئۈزىدۇ. شۇڭا بۇ ئاغامچام سىلەر كۆرگەندەك ساق يېرى قالمىغان ئۇلاق ئۈستىگە -ئۇلاق چۈشكەن <<ئەسكى >>ئاغامچا بۇلۇپ قالدى- دەپ خۇرسىنىپتۇ-شەيتان.....,,,,,,,dıkat.