599w
كۇزەل ئاتۇش
(Hi No. 1363068)
دىنى ئىتقاد بىلەن مىللى كىملىك چىقىشالمامدۇ؟يېقىندا بىرتۈرلۈك كىشىلەر بىزنىڭ مىللي، ۋە ئىتقاد بىرلىكىمىزگە، < مىللى غۇرۇر> نى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ كىينىشىگە قارشى،ئۆزمىللي مەدىنىىيتىنى تاشلاپ ئەرەب مەدىنىيتىگە دۇم چۈشكەنلىك دەپ، شۇئار توۋلاپ، مۇقىملىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار ئارىسدا بۆلگۈنچىلىك ئۇرقىنى چېچىپ ، مىللي ۋە دىنى قېرىنداشلارنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ، تىل ئۇرشى ، ئىتقاد كەمسىتىلىشنى،ۋە ئىددىيە ئىتىپاقسىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياتلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا ياردەم بەرمەكتە. بۇنىڭ قارىشىسدا يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر دىنى تونغا ئورنىۋېلىپ، ئىسلامدىكى مىللەت ئۇقۇمىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇمۇمى نۇقتى نەزەردە تۇرۇپ ئېيتىلغان << دۇنيادا مۇسۇلمان، كاپىردىن ئىبارەت ئىككى مىللەت بار>> دىگەن سۆزنى خاتا ئىشلىتىپ، نادان كىشىلەردە دىنى قارشىلىقنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇنداق نازۇك مەسىلىلەرگە قارىتا، پىكىر قىلىشتىن ئىلگىرى، بىزدىن 1000 يىل بۇرۇنقى مىللەت بىلەن دىننى ناھايىتى ياخشى چۈشۈنۈپ، كىيىم-كېچەك جەھەتتە، چوڭلىرىمىز دوپپلىرىمىزغا سەللە يۆگەپ، مومىلىرىمىز بولسا رومال ئۈستىگە چىرايلىق دوپپىلىرىنى كىيىپ ،دىنى ئتقادى بىلەن مىللي مەدىنىيتىمىزنى شۇنداق ياخشى بىرلەشتۈرۈپ.تىل-يېزىق، بىناكارلىق، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە چېكىنمەستىن، بەلكى ئالغا ئىلگىرلەپ كۆپ تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن، بىر قولىدا دىن، بىر قولىدا مىللەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككىسىنى قارمۇ-قارشى بەيگىگە سېلىپ ئۆزئارا ئىختلاپ پەيدا قىلىپ، مىللەتنى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈۋەتمەستىن،ئۇيغۇر مەدىنىيتى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىسلام مەدىنىيىتىنى دۇنياغا تۇنۇتۇشتا قوشقان تۆھپىلىرىگە نەرەر تاشلاپ،سۇغۇق قانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ، پىكىر قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە مىللىي مەدىنىيەت ۋە مىللى خاسلىقنى قوغداشتا كىملەرنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرۋاتقانلىقىنى، جەمئىيەتكە ئازراق چۆكۈپ باققان،ھەرقاندق كىشى ھېس قىلاللايدۇ. مىللي خاسلىقنى قوغداش، قۇرۇق شۇئار بىلەن بولماستىن ،ئۆتكۈر ئەقىل، ئەمەلي كۈچ قۈۋۋەت تەلەپ قىلىىدىغان، چوڭ كۆلەملىك قۇرلۇش. < مىللي غۇرۇر> نى تەشۋىق قىلىپ، ياغلىقنى دوپپىغا ئايلاندۇرۇشقا چاقىرىغانلار، مىللەتنى سۈيۈش دەۋاسىدا كاززاپ كىشىلەردۇر.بۇلار، تارىختىن بۇيان ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىز ، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق مىللەت سۆيەر،دىيانەتلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھېچ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىمىغان ياغلىقلىرىمىزنى، ئەمدىلىكتە ئەرەبلەرنىڭ مەدىنىيتى قاتارىدا، تەتۈر تەشۋىق قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ دىنى بىرلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقلىق، ئۇيغۇرلارنى ئىچكى پىكىر تۇقۇنىشى بىلەن ئەللەيلەشنى مەقسەت قېلىدىغان زەرىل نىيەتلىك كىشىلەردۇر.ئۇلارنىڭ دۋاسىنىڭ يالغانلىقنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى شۇكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ دوپپا كەيمەيدۇ،بەلكى ئۇلار دوپپا كىيىشنى ياغلىققا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇتتۇرىغا چىقارغان،ئەمەلىيەتتە ھازىر دوپپا كەيگەنلارنىڭ 90% كۆپرەكى دىنى كىشىلەر،دىنى پۇراق قۇيۇق بولغان خوتەن شەھىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.كىمكى << دۇنيادا مۇسۇلمان، كاپىردىن ئىبارەت ئىككى مىللەت بار>> دىگەن كەڭ دائىرلىك،بۇ سۆزنى خاتا چۈشۈنىۋېلىپ، ئسىلامدىكى مىللەت ئۇقۇمىنى يوققا چىقارسا، ئىنىقكى ئاللاھنىڭ تۈۋەندىكى سۆزلىرىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ << ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى>> سۈرە ھۇد 118 –ئايەت . يەنى ئاللاھ خالىغان بولسا كىشىلەرنىڭ ھەممىنى بىر ئۈممەت، بىر مىللەت قىلاتتى، دىمەك بىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ تۇغىلىشىمىز ئاللاھنىڭ يارتىشى بىلەن بولدى، مىللەتنى ئاللاھ ياراتتى، مىللەتنى سۈيۈش، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، دىنى مەجبۇريەتتۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسدا تۇغۇلغانلىقىمىز ، بىزگە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلەش مەجبۇرىيتىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇنجى چاقرىقىنى ئەرەبلەردىن باشلىغاندەك. يۇقارقى كەڭ دائىرلىك سۆزنى كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشىنىۋېلىشى، <<مۇسىنەد>>تە سەھىھ يول بىلەن نەقىل قىلىنغان ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گورۇھ ۋازلىق چاقىرغۇچى مىللەتۋازلىقا چاقىرغۇچى بىزدىن ئەمەس دىگەن ھەدىسى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولىشى مۇمكىن،جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەبلەر ئارىسىدا قەبىلەۋازلىق ئىنتايىن ئەۋجگە چىققان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردىكى ئادەم توپلاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى . دۇنياغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەتتىكى مانا بۇ تار دائىردىكى قەبىلەۋازلىق ئۇقۇمىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،جاھالەت پاتقىقىدا ياتقان ،بىر-بىرى بىلەن دۈشمەن بولغان،ئەرەبلەرنى بىر –بىرىدىن مىراس ئالىدىغان دەرىجىدىكى يىقىن دىنى قېرىنداشلاردىن قىلىپ ئىتىپاقلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ خۇجىسىغا ئايلاندۇردى. دىن ئاللاھنىڭ . ئاللاھنىڭ دىنى ھامان ئەزىزىلىككە ئېرىشدۇ ،قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر ،كىمكى بۇ دىنى تۇتسا ئاللاھ شۇ مىللەتنى ئەزىز قىلىدۇ،ئاللاھ تۈرۈكلەرنى ئىسلام خىلاپىتى ئارقلىق دۇنيادا ئەزىز قىلدى، بىز ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغاچ، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار قولىدا ئۈستىن بولىشىنى ئىستەيمىز، ھەم تېرشىمىز. ئسىلامدىكى مىللەت ئۇقۇمىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ، ھەربىر مىللەتتىن ياخشىسى بولغىنىدەك، يامىنى ھەم بولىدۇ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسسالامدەك ئۇلۇغ كىشىلەر چىقققان مىللەتتىن، ئەبۇ جەھىل ، ئەبۇ لەھەبكە ئوخشىاش ئەڭ ناچار ئىنسانلارمۇ ھەم چىققان، بىر مىللەت ئۇمۇمەن ياخشى ، ئۇمۇمەن ناچار بولمايدۇ، مەيلى ئەرەب، ياكى تۈرۈك ، كىم بولسا بولسۇن ئالللاھنىڭ نەزىردە ئەڭ ئۇلۇغ كىشى پەقەت ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلاردۇر . << ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر>> سۈرە ھۇجرات 13-ئايەت. ئاللاھ ھەمىمىزنى مىللەت بىلەن دىننى تەڭ ئېلىپ ماڭغان ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش يىراقنى كۆرەر ئىناقلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن ئامىن ! قەلەمكەش : ئۈمىدۋارمەن