593w
ئابباسوف
(Hi No. 1360125)
سۆز-چۆچەك مۇنداق تارايدۇ:ئالاھىدە ساقچى قىسىم باشلىقى ئەتىگەندە ئورندىن تۇرغاندا ئايالدىن دەشنام يەيدۇ: «سەن بىلەن ئۆي تۇتۇپ بىرەر قېتىم خۇۋلۇق كۆرمىدىم، كۈندە يېرىم كېچىدە كېلسەن، سەن بىلەن ئاجىرىشىمەن…» بۇ سۆزدىن كەيپىياتى ئۇچقان باشلىق ئىدارىسىغا كېلىپ دەردىنى ساقچىلاردىن ئالىدۇ: «ياخشى ئىشلەش گۇيلا، بۈگۈنكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش…» بۇنى ئاڭلىغان گۇرۇپپا باشلىقى ئادەتتكىدىن كۆپرەك ساقىچىلارنى چارلاشقا ئەۋەتىدۇ.
چوڭ بازار كەررىفوردا ئەرزان سەي-كۆكتاتقا كۆنۈپ قالغان ۋاڭ موما چوڭ بازارغا قارىسا بۈگۈن ساقىچلار سەل جىق، شۇنىڭ بىلەن مەمۇردا ئىشلەۋاتقان قىزىغان تېلېفون قىلىدۇ: «قىزىم بۈگۈن ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەل، سىرتتا ئالاھىدە ساقچىلار كۆپ تۇرىدۇ، بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ»...
بۇنى ئاڭلىغان قىزى تېلېفوننى قويۇپلا خىزمەتدااشلىرىغا: «ئاپام چوڭ بازاردىن تېلېفون قىپتۇ، چوڭ بىر ئىش چىقىپتۇ، دەرھال قايتىڭلار دەيدۇ»، بۇنى ئاڭلىغان خىزمەتداشلار قىلۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ ئۈندىدار، مىكرو بلوگلىرىدا خەۋەر تارقىتىشىدۇ:«چوڭ بازاردا تېرورلۇق ۋەقەسى چىقىپتۇ، دەرھال تارقتىڭلار!!! چوڭ بازار تەرەپتە دوستلىرىڭلار بولسا بولسا قايتىپ كەلسۇن..»
توپتىكلەر توختىماستىن باشقا توپلارغا يوللايدۇ شۇنىڭ بىلەن چوڭ بازار تەرەپتە جىدديىلىك كۆرۈلىدۇ. ھەممە ئادەم خۇدايىم بەرگەن ئازادلىق جەنۇبىي يولىغا كەپلىشىپ قاتناش توسىلىدۇ. BRT دا توپتىن كەلگەن ئۇچۇرنى كۆرگەن جاڭ فامىلىك خۇددى ئۆزىنى جەڭ مەيدانىدا خەۋەر بېرىۋاتقان مۇخبىرلاردە ھېس قىلىپ دەرھال مىكرو بىلوگ يازىدۇ: «مەن دەل جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا كېىتىۋاتىمەن BRT يېرىم سائەت بولدى ماڭمىدى. قارىغاندا قاتناشقا چەكلىمە قويغان ئوخشايدۇ».. بۇ خەۋەر تېز سۈرئەتتە تاراپ پۈتۈن مىكرو بلوگ ۋە ئۈندىدرنى قاپلايدۇ. ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق ھورداقتا پۇشۇلداپ ياتقان قاتناش باشلىقى نېمە ئۈچۈن يوللار توسلىپ كېىتدۇ؟ قاتناشقا چەكلىمە قويغانما دەپ تېلېفون كلېىدۇ… باشلىق دەرھال زور كۆلەمدە قاتناش ساقچىسى ۋە ياردەم ئالاھىدە ساقچىلارنى يوللارنى يۈرۈشتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىدۇ. شۇنىڭ پۈتۈن ئۈرۈمچىدە جىددىيچىلىك ۋە قاتناش پالەچ ھالغا چۈشىدۇ. ئىچكىرىدىن چىققان چوڭ بازاردىكى ساياھەتچىلەر رەسىمگە تارتىپ توختىماي تارقىتىشىدۇ. ئۆمىرىدە كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ بىلەن ئاففىغانىستاننىڭ پەرقى ھەققىدە ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىشىدۇ.
ئىش مۇنداق چىقىدۇ:
ئات بەيگە مەيدانىدا نەچچە كۈندىن بېرى كىملىكى مەھەللە ساقچىسى تەرىپىدىن تارتىۋىلىپ كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئىككى ياشقا بۇ خەۋەرلەر يېتىدۇ. «ئاداش! چوڭ بازار تەرەپتە چوڭ ئىشلار چىقىپ كېتىپتۇ. بۇنداق بوزەك بوپ ياشىغاندىن بىزمۇ بىر ئىش تەۋەرەتمەمدۇق؟! ، مەيلى ئاداش بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى ماڭە بولدى، قايسى كۈنىدىكى ساقچىنى ساقلاپ تۇرايلى كىملىكىمىزنى قايتۇرۇپ بەرمىسە بىر قورقۇتۇپ قويايلى… ھېلىقى ساقچى ئىشتىن چۈشۈپ تۇرۇشىغا ئىككى ياش ئۇنىڭ ئالدىنى توسىدۇ، كىملىكىنى قايتۇرۇپ بېرشىنى سورايدۇ. تەھدىتكە ئۇچراپ باقمىغان ساقچى ئۇ ئىككسىگە قول تەككۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز-ئارا پومداقلىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ. كۈچى يەتمىگەن ساقچى خىزمەتداشلىرىغا تېلېفون قىلىپ چاقىرىدۇ. تۇتۇلۇپ قېلىشدىن ئەنسىرىگە ياشلار ساقچنى تازا ئۇرىدۇ. ساقچى ئاكاش خىزمەتداشلىرى كەپ بولغۇچە چىدىماي ئىككى ياشىنىڭ بىرىنى ئېىتپ قويىدۇ. يەنە بىر ياش قورۇقۇپ كېىتپ پىچاق تىقىپ قويىدۇ. خىزمەتداشلىرى كېلىپ يەن بېرسىنىمۇ ئېتىپ تاشلايدۇ.
ئاخبارات مۇنداق تارايدۇ:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ئۈرۈمچى ساقچىلىرى كېچىدىن ئىككى ئۇيغۇر زوراۋان تېرورچىنى بويسۇندۇرغان، بىر ساقچى يارلانغان، ئىككى زوراۋان ئۇيغۇر تېرورچى ئېتىپ تاشلانغان… BBC, CNN, لەر باشقىچە خەۋەر قىلىشىدۇ. بۇ خەۋەرنى گېزىتتىن كۆرگەن ئوباما: «ياخشى جۇڭگۇدا يەنە ئىش چىقىپتۇ، كاتىپقا دەپ قوياي ھازىرلام ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچسۇن….» دېپلوماتىيە مېنتىسرلىكى:« ئامېرىكا قوش ئۆلچەم قوللانمىسۇن… بىز پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئەزەلددىن قوغداپ كەلدۇق…» بىر قاتار مازا ئاخباراتلارنى كۆرگەن خەلقىلەر تىل ئۇرۇشنى باشلايدۇ.
ئىشنىڭ تەسىرى مۇنداق بولىدۇ:
بۇ خەۋەر پۈتۈن جۇڭگۇنى قاپلايدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىدىكى يولداشلار تىللاشقا باشلايدۇ.
شاڭخەيلىك بىر ئائىلە كىشلىرى غەربتىن كەلگەن توكنىڭ يورۇقىدا، شنجاڭدىن كەلگەن گازدا تاماق پىشۇرۇپ يىگەچ دىيىشىدۇ:«ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بىز زادى نېمە قىلىپ بەرسەك رازى بولىدۇ؟ ئۇلار ئىمتىھان بەرسە نومۇر قوشۇپ بېرىمىز، ھەر قانداق ياخشى سياسەت بولسا ئاۋال ئۇيغۇرلار پايدا ئالىدۇ. غەرپنى ئاچىمىز دەپ مەركەز قانچلىك بەدەل تۆلدى؟ بىزنىڭ باجغا تۆلىگەن پۇللىرىمىز ھەممىسى شۇ خەققە ئاقىدۇ… يەنە توختىماي ئىش چىقىرىدۇ. مەركەز ئۇلارغا قاتتىق بولسا بولاتتى…» شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئەمەس نەگىلا بارسا شىنجاڭ رىن بولۇپ ئىچىكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت، تىجارەت ئىشلىرى تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يەرلىك ساقىچلار دەرھال يىغىن ئېىچپ شەھەردىكى شىنجاڭلىقلارنى خاتىرلەش، تىزىملاش قاتارلىق بىر خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىچكىرىدىمۇ پەرقلىق مۇئاملىگە دۇچ كەلگەن ئويغۇرلار نارازى بولىدۇ. ھازىرىقىدەك يامانلاش، باتناش ئۇۋالچىلىق پسىخسىكىسى شەكىللىنىدۇ…
خۇلاسە كالام، ساقچى باشلىقىنىڭ ئايالى قاقشىمىسا، ساقچى باشلىقىمۇ كەيپىاتنى ئىدارىگە سۆرەپ كىرمىسە، ساقچىلارمۇ قوپال بولمىسا، ۋاڭ موماشمۇ قىزىغا تېلېفون ئۇرمىسا… مىسا…مىسا…مىسا…. مۇشۇ ئىشلار يوق!😭