600w
♔ فه تىح ☪
(Hi No. 1358816)
🌹قىيامەت كۈنى ئەرلەر ئائىلىسى ۋە خۇتۇنىدىن ھىساپ بېرىدۇ.ئۈزى نامازخان ،شەرىئەتنىڭ ئىچىدىكى ئەرلەر،ئۈزىنىڭ ئايالىنى يۈرۈش-تۇرۇش ،ئەقىدە ئىمان توغرىسىدا تۈزىيەلمىسە مىسالى ئۆينى يۇرۇتالمايدىغان جىن چىراق خالاس. مەيلى ئۇ قانچە ئىبادەت قىلسۇن ئۇنىڭ مۇسۇلمانى كامىللىقىدا شەك بار.ئەمما ئاياللار تەقۋا بۇلۇپ ،ئەر پاسىق بولسا ئايال ئېلاجىسىزدۇر.چۈنكى جانابى ئاللاھ تالاق قىلىش ھۇقۇقىنى ئەرلەرگە بەرگەن.ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ئاياللارنىڭ جاھانغا پات ماي قېلىشىنى ئەرلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئەرلەر پىنھان گۈزەللىكلەرگە ئەمەس،بەلكى ئاممىۋى گۈزەللىكلەرگە بەكرەك مايىل بولغاچقا،ياغلىق ئىچىدىكى سۇمبۇل چاچلارنى ئەمەس،بەلكى كۈز خازانلىرىدەك پاخما چاچلارنى چوڭ بىلدى.ئۇزۇن كىيىملەر ئىچىدىكى نازۇك بەدەنلەرگە ئەمەس بەلكى بەدىنىنىڭ تەڭدىن تولىسى كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان تار قىسقا كىيىملەر ئىچىدىكى ئىمانسىزلىق تاراملاپ تۇرىدىغان گۆشلۈك بەدەنلەرگە بەكرەك قىزىقتى.قاچاندۇر بىر چاغدا مەن خېلى دىيانەتلىك دەپ بىلىدىغان بىرەر يىلچە كۈرۈشمىگەن دوستۇمنىڭ تۇرقىغا سەمىمى تەكلىپىمنى بەرسەم ئۇ دوستۇم كىيىمدىن نېمە چىقاتتى دىمەسمۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم يۇقاپلا كەتتى.تامچە سۇدا قۇياش ئەكسى زاھىر بولغاندەك،ئاشۇ بىر ئېغىز سۈزىدىن مەن ئۇنىڭ قاغجىراپ كەتكەن قەلبىنى ھىس قىلدىم.ئىھتىمال بەزىلەر «ھەممىدىن نىيەت ئەلا،قىياپەتتىن ھېچنەرسە چىقمايدۇ »دەپ جۆيلۈشەر.بىراق مەن ئۇنداق قارىمايمەن.چۈنكى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىمان بولسا ئاشۇ ئىماننىڭ ئالامىتى ئۇ ئادەمنىڭ قىياپىتىدە ئايان بۇلىدۇ خۇددى ماي قاچىسى سىرتىدىن مەلۇم دېگەندەك. قانداق ئايان بۇلىدۇ دېگەندە ئىمان ئۇنىڭغا چاچ ئەۋرەت ،ئەۋرەت جايلارنى ئوچۇق قۇيۇش ھارام دىگەننى بىلدۈرىدۇ.(ئىش ئورنىدا بېسىم بىلەن ياغلىقىنى سائەتلىك ئېلىۋەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا)ئاندىن قالسا نىپىز يۇققا كىيىملەرنى كىيگەنلەر قىيامەت كۈنى يالىڭاچ قالىدۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بولسا بارار جايى دەۋزەخ دىگەننى بىلدۈرىدۇ.ھەم يەنە بىز تەسۋىرلەپ بۇلالمايدىغان مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.چۈنكى ئىمان قەلىب ئۆيىنىڭ قۇياشى.ئۆيدە نۇر بۇلىدىكەن بىز ئىشىك تۈڭلۈكنى.تاقىۋەتسەكمۇ ئۇنىڭ نۇرلىرى ھامان جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.
بۈدرە چاچ،قىسقا كىيىملىك يېرىم يالىڭاچ خېنىملارنىڭ «مەن سىرتتا ئۇنداق يۈرگىنىم بىلەن ئۆيدە ناماز ئوقۇيمەن ،قارىسا ئىسلامچە كىيىنىپ،يۈرگەنلەردىن ناماز ئۇقۇمايدىغانلارمۇ كۆپقۇ»دىيىشلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم.ھەتتا بىر دوستۇممۇ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ سىرتتا شۇنداق يۈرگىنى بىلەن ئۆيدە ناماز ئۇقۇشى ھەر ھالدا ئوقۇمايدىغانلارغا نىسبەتەن ياخشى دېدى .مەن بۇنىڭغا قۇشۇلمىدىم .چۈنكى دەسلەپ ئىمانغا كىرگەن چاغلار بولغىغۇ مەيلىدى،بىراق ئاشۇ نامىزى دەرگاھى ھەقتە مەقبول بولغان بولسا،كېيىنچە بولسىمۇ ئۈزىنى تۈزۈيتتى،ئۇنىڭ ئىمانى گېلىنىڭ ئاستىغا ئۆتمىگەن دەپ ئېتىراز بىلدۈردۈم.ئاشۇنداق ئۈزىنى تۈزەلمەي ئۇقۇغان ناماز،تۇرقى مۇسۇلمان بىنامازلارنىڭ ھەر ئىككسى رىياكار كاززاپلاردۇر .ئەمدىكى پۈتكۈل سىياسەتلەردە ياغلىققا تۈكرۈك چاچرىغان بۇ ئاي بۇكۈنلەردە بۇئەھۋال قەلبىدە ئىمان بار كىشىلەرنى قايغۇغا سالسا،ئىمان تۈرتكىسىدىن ئەمەس بەلكى ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ،ئاللىكىملەردىن قورۇنۇپ يېرىم يارتا ئارتىۋالغانلارغا نىسبەتەن كاتتا ئىش بولدى.ھەتتا ئۇلار سىرتلاردىمۇ باشقا ناھيە شەھەرلەرگە بارغاندىمۇ بايام دېگەندەك غەيرى دىندىكىلەردەك ياسىنىپ بېرىۋەردى.
پەيغەمبىرىمىز ؛كىمكى ئۈزىدىن غەيرىلەرگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ ئاشۇلاردىن بۇلىدۇ،قىيامەت كۈنىمۇ شۇلار بىلەن بىللە قۇپىدۇ دەپ ئېيتقان.شۇڭا سىز قايسى مىللەتكە ئوخشىۋالسىڭىز سىزمۇ شۇ مىللەتكە تەۋەسىز.ئۇنداق« نىيىتىمنى خۇدايىم بىلىدۇ »دىسىڭىز يالغانچىدۇرسىز.چۈنكى شەيتانمۇ پەرىشتە ئىدى. ئۇمۇ بىلەتتى .بىراق ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن قوغلاندى بولغان ئىدى.ئۇنۇتماڭكى يالىڭاچلىق بېشىڭىزدىن باشلىنىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۈرۈڭ.ئاۋۋال ياغلق بوينىڭىزغا چۈشتى،ئاندىن ئاستا-ئاستا يۇقىدى.يەڭلەر قىسقىراپ قولتۇق ،كۆكسىلەر ئېچىلىپ ،يوپكىلار تارلىشىپ، قىسقىراپ ،ئاپئاق يۇتىلار نامايان بولدى.سىز ئىككى ئۇياتلىق يەرگە نىپىز رەخىتنى دالدا قىلغاندىن باشقا ئاساسەن يالىڭاچ بولدىڭىز........
ئەي قېرىندىشىم ،ئۇنۇتماڭ بىز بەرىبىر ئۈلۈپ كېتىمىز.ھايات بىزگە بىر ئىمتىھان.بىز بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئەمەللىرىمىزدىن ھىساپ بېرىمىز.ئەگەر توۋا قىلىشقا ئۆلگۈرەلمەيلا ئۈلۈپ كەتسەك رەببىمىز ئالدىغا نېمە دەپ بارىمىز.؟ناماز ئۇقۇپتىمەنيۇ يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ يۈرۈپتىمەن،ناماز ماڭا ئۆزلەشمەپتۇ ياكى ناماز ئوقۇماپتىمەن ھەم،دائىما يالىڭاچ يۈرۈپتىمەن.يا قىمار ھاراق تاماكىدىن قول ئۈزمەپتىمەن،ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلشقا ئالدىرماپتىمەن دەپ جاۋاپ بېرىمىزمۇ؟
ياغلىقنى بوش كۆرمەڭ.ئۇ مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ بەلگىسى.ئاللاھتىن ھايا قىلىشنىڭ ئىپادىسى.سىزنىڭ ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل بولغانلىقىنىڭ ئاددى دەلىلى.ئەگەر سىز بىر ياقتىن ناماز ئۇقۇپ ،بىر ياقتىن ئۈزىڭىز خالىغانچە يېرىم يالىڭاچ يۈرىۋەرگەن بولسىڭىز،ئەمەللىرىڭىزنىڭ دەرگاھى ھەقتە مەقبۇل بولمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.
ئەي ئايال ياغلىقنى تاشلىۋەتمەڭ.ئۇ سىزنى بۇزۇق كۆزلەردىن ساقلايدۇ.يېرىم-يالىڭاچ كىيىنمەڭ،قەبرىدىكى ئىلان-چايانلار سىزگە ئىشتەي ساقلاپ كۈتمىسۇن.مۇسۇلماندىن غەيرىگە ئوخشىۋالماڭ .قىيامەتتە ئاشۇلار سېپىدىن تىرىلىسىز.
ئەي ئەر،مەھبۇبىڭىزغا قاراپ قۇيۇڭ.كۆكسىلىرى ،سېمىز بىلەك،يۇتىلىرى ،ئېچىلىپ قالمىسۇن.ئەگەر شۇنداق بولسا سىز دەييۈزلەردىن بۇلىسىز.قىيامەتتە ئاللاھ قارىمايدىغان يەنە بىر كىشى دەل دەييۈز كىشىدۇر.ئۇنداق كىشىنى جانابى ئاللاھ گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ.ئەگەر ئايالىڭىز ئاشۇنداق يۈرسىمۇ سىز غەزەپلەنمىگەن بولسىڭىز،ئىمانسىز ئەبلەخ ئادەمسىز.ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ دىمەڭ.جانابى ئاللاھ سىزنى ئەر قىلىپ ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن ياراتتى.دىمەك ئايالنى« ئالدىم»دېگەن كۈندىن باشلاپ،ئۇنىڭ ياخشى يامان ھەممە ئىشىغا ئىگەدۇرسىز.دىمەك ئوتنى ئايال تۇتسا سىزنىڭمۇ قۇلىڭىز كۈيىدۇ.نىيەت ھەممىدىن ئەلا ئەمەس،بەلكى ئەمەل ھەممىدىن ئەلا.چۈنكى نىيەتتە نىمە بولسا ئەمەلىيەتتە شۇ ئىپادىلىنىدۇ.
،غەيرى دىندىكىلەرگە ئوخشايدىغان بىر قىسىم ئەدىپلەرنىڭ بىر ئۈمۈر ئەسەر يازدىم دەپ ،خەلقىم دىيىشلىرى شەيتانلىق.ئاللاھ ئۇ بىچارىلەرگىمۇ ھەقنى تۇنۇش پۇرسىتى بىرەر.
ئەي قېرىندىشىم يازمامدا سىزنى رەنجىتكەن بولسام ئەپۇ قىلىڭ.ھەق ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق.مىھرىبان ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇستەھكەم ھىدايەتكە ئىگە قىلسۇن .چەكلىك ئۆمرىمىزنى پاخال شەرەپ.شەرمەندە شۆھرەت كۇيىدا سەرسان قىلماي،دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىززەتلىك بۇلۇپ ياشاشقا مىھرىبان ئىگىمىز بىزنى نېسىپ قىلسۇن. #hotan