601w
tuprak
(Hi No. 1360052)
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﺒﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﺒﻰ
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻧﻪﺳﻪﺑﻨﺎﻣﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﻧﻪﺳﻪﺑﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﻳﯩﻞ. ﺋﯘ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ «ﺋﻪﺩﻧﺎﻥ»ﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ. ﺑﯘ، ﺋﻪﺩﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﺕ-ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﺪﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﯩﺪﯗﺭ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯗﻕ.
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﻪﺳﻪﺑﻨﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
1. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﯘﺗﺘﻪﻟﯩﺐ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺷﻪﻳﺒﻪ)ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﯘﺗﺘﻪﻟﯩﺐ ﮬﺎﺷﯩﻢ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﻪﻣﺮﻯ)ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ، ﮬﺎﺷﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻣﻪﻧﺎﻑ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﻏﯩﻴﺮﻩ) ﻗﯘﺳﻪﻱ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺯﻩﻳﺪ)ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ، ﻗﯘﺳﻪﻱ ﻛﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻛﯩﻼﺏ ﻣﯘﺭﺭﻩﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﯘﺭﺭﻩﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻛﻪﺋﻪﺏ ﻟﻮﺋﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻟﻮﺋﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻓﯩﮫﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ. ﻓﯩﮫﺮﻯ ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ. ﻓﯩﮫﺮﻯ ﻣﺎﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﺎﻟﯩﻚ ﻧﻪﺯﺭﻯ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻗﻪﻳﺲ)ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻧﻪﺯﺭﻯ ﻛﻪﻧﺎﻧﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻛﻪﻧﺎﻧﻪ ﺧﯘﺯﻩﻳﻤﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺧﯘﺯﻩﻳﻤﻪ ﻣﯘﺩﺭﯨﻜﻪ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻣﯩﺮ)ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﯘﺩﺭﯨﻜﻪ ﺋﯩﻠﻴﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﯩﻠﻴﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻣﻮﺯﻩﺭ ﻧﻪﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻧﻪﺯﺍﺭ ﻣﻪﺋﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﻪﺋﺪﻯ ﺋﻪﺩﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ.
2. ﺋﻪﺩﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺴﻰ — ﺋﻪﺩﻧﺎﻥ ﺋﻪﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﺩﺩﻯ ﮬﯘﻣﻪﻳﺴﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﮬﯘﻣﻪﻳﺴﯩﺌﻪ ﺳﯩﻴﻼﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺳﯩﻴﻼﻣﺎﻥ ﺋﯩﯟﻩﺳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﯩﯟﻩﺱ ﺑﯘﺯﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺑﯘﺯ ﻗﯩﻤﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻗﯩﻤﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘﺑﻪﻱ ﺋﺎﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻧﺎﺷﯩﺪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻧﺎﺷﯩﺪ ﮬﺎﺯﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﮬﺎﺯﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻪﻟﺪﺍﺱ ﻳﻪﺩﻻﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ، ﻳﻪﺩﻻﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﺑﯩﺦ ﺟﺎﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺟﺎﮬﯩﻢ ﻣﺎﺧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﺎﺧﻰ ﺋﻪﻳﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﻳﺰ ﺋﻪﺑﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﺑﻘﻪﺭ ﺋﯘﺑﻪﻳﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﯘﺑﻪﻳﺪﻩ ﺋﻪﺩﺋﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﺩﺋﺎ ﮬﻪﻣﯩﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﮬﻪﻣﯩﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺳﯩﺒﻪﺭ ﻳﻪﺳﺮﻩﺑﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻳﻪﺳﺮﻩﺏ ﻳﻪﮬﺰﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻳﻪﮬﺰﯗﻥ ﺋﻪﺭﺋﻪﯞﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﺭﺋﻪﯞﺍ ﺋﻪﻳﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﻳﺰ ﺩﻩﻳﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺩﻩﻳﺸﺎﻥ ﺋﻪﻳﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﻳﺴﯘﺭ ﺋﻪﻓﻨﺎﺩﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﻓﻨﺎﺩ ﺋﻪﻳﮫﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﻳﮫﺎﻡ ﻣﯘﻗﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﯘ ﻧﺎﮬﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻧﺎﮬﯩﺲ ﺯﺍﺭﯨﮫﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺯﺍﺭﯨﮭ ﺳﯘﻣﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺳﯘﻣﻪﻱ ﻣﻪﺯﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﻪﺯﻳﻰ ﺋﯩﯟﻩﺯﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﯩﯟﻩﺯ ﺋﺎﺭﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﺎﺭﺍﻡ ﻗﻪﻳﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻗﻪﻳﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ.
3. ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺴﻰ — ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﺎﺭﯨﮭ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺯﺍﺭ)ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺗﺎﺭﯨﮭ ﻧﺎﺧﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻧﺎﺧﻮﺭ ﺳﺎﺭﻭﺉ (ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺭﻭﻍ)ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺳﺎﺭﻭﻍ ﺭﺍﺋﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺭﺍﺋﻮ ﻓﺎﻟﻪﺧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻓﺎﻟﻪﺥ ﺋﺎﺑﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﺎﺑﯩﺮ ﺷﺎﻟﻪﺧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺷﺎﻟﻪﺥ ﺋﻪﺭﻓﻪﺧﻪﺷﻪﺩﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﻪﺭﻓﻪﺧﻪﺷﻪﺩ ﺳﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺳﺎﻡ ﻧﯘﮪ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ. ﻧﯘﮪ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻻﻣﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻻﻣﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﯞﻩﺷﻠﯩﺨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﯘﺗﻪﯞﻩﺷﻠﯩﺦ ﺋﻮﺧﻨﻮﺧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺧﻨﻮﺥ ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻮﺧﻨﻮﺧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﯨﺪ ﻣﻪﮬﻼﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﻪﮬﻼﺋﯩﻞ ﻗﻪﻳﻨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻗﻪﻳﻨﺎﻥ ﺋﺎﻧﻮﺷﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﺎﻧﻮﺷﻪ ﺷﯩﺲ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺷﯩﺲ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ.