606w
يولۇچى _ YoluQi
(Hi No. 1359335)
بىر ۋاقىتلاردا ئۆيدە قۇرئان ئوقۇشقا ۋاقتىمىز چىقمايتى ۋە مۇنداق باھانە تاپاتتۇق: كىچىكرەك يانچۇققا سېلىپ ئوقۇيدىغان قۇرئانلىرىمىز بولسا ئىدى، خالىغان جايدا ۋاقتىمىز چىقسىلا ئوقۇيالىساق نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى! ئېلىپ يۈرۈش ئىنتايىن قولاي بولاتتى.
كۈنلەر ئۆتتى يانچۇق قۇرئانى ئۆيلىرىمىزدە پەيدا بولدى لېكىن بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا دېگەن سۆزلىرىمىز سۆز پېتىچىلا قالدى. يانچۇق قۇرئانىنىڭ ئورنى يانچۇق بولماستىن ئۆيدىكى بويىمىز يەتمەيدىغان ئېگىز تەكچىلەر بولدى.
مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كومپىيۇتېر ئومۇملاشتى. ئەتىگەندىن كەچكىچە ھەمراھ بولىدىغىنىمىز كومپىيۇتېر بولدى، بۇ ۋاقىتتا تېخنىكىنىڭ يېڭىلىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ باھانىمىزمۇ يېڭىلاندى يەنى قۇرئاننى كومپىيۇتېردا ئوقۇغىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى دېيىشتۇق ۋاقىتلار ئۆتۈپ ئۇمۇ ئەمەلگە ئاشتى. كومپىۇتېرلارغا ھەقسىز قۇرئانلارنى قاچىلىدۇق. لكىن ۋاقىتلىرىمىز كىنو كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش ۋە ئويۇن ئويناش بىلەن تۈگىدى.
يەنە بىر قېتىم يالغانچى بولدۇق. قۇرئاننى تاشلاپ قويدۇق.
ھازىرقى كۈنلەردە تېلفوندىن ئايرىلالماس بولۇپ قالدۇق. باھانىمىز يەنە باشلاندى. تېلفونلىرىمىزدا قۇرئان بولسا نەدە بولسا شۇ يەردە ئوقۇيالىساق قىينالمىساق.......قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يانفونلار ئۈچۈن كۆپلەپ قۇرئانلار تارقىتىلدى. خالىغان ئايەتنى ئوقۇغىلى، تىڭشىغىلى، تەرجىمىسىنى ۋە تەفسىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئاۋازلىرى گۈزەل قارىيلارنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاپ قۇرئان ئۆگەنگىلى بولىدىغان دەرىجىگە كەلدۇق. لېكىن يالغانچىقىمىز يەنە باشلىنىپ قۇرئاننى تېلفونىمىزدا باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىدىغان، جايىدا تۇرغۇزۇپ كۈنلەپ، ھەپتىلەپ، ئايلاپ ۋە يىللاپ ئاچماي ساقلايدىغان ئاسارە-ئەتىقە قىلىۋالدۇق.
ئاللاھنىڭ كىتابىنى تاشلىۋەتتۇق، ئاللاھنى ياد ئېتىشنى ئۇنۇتتۇق، ئاگاھ بولۇڭكى ئاللاھ سىزنى تاشلىۋېتىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى شۇ يۈتتۈرۈپ قويغان ۋە تاشلىۋەتكەن ئاللاھ بەرگەن نېئمەتلەرنى يېنىڭىزغا قايتۇرۇپ ئەكېلىڭ!
دىلىڭىزنىڭ قېتىپ قالغان ياكى يۇمشىغانلىقىنى قۇرئان ئوقۇش بىلەن ھەقىقىي ھېس قىلىسىز! قۇرئاننى تاشلاپ قويغىنىڭىز، ئۆزىڭىزنى تاشلاپ قويغىنىڭىز بولىدۇ، قۇرئاننى قولغا ئېلىشنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئوقۇڭ، ھەممە باش ئاغرىقىڭىزغا دورا تېپىلىدۇ.
ئۇنتۇپ قالماڭ مەسجىدتە كۈندە دېگۈدەك جىنازا نامىزى ئوقۇلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا ئەجەل ئۈن-تۈنسىز كېلىپ ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلارغا ئەمدى قۇرئان ئوقۇۋالىدىغان، ناماز ئوقۇۋالىدىغان پۇرسەت يوق. ئويغىنىڭ! ئويغىنىڭ! ئۇيقۇڭىز يېتەرلىك بولدى.......ئاللاھنىڭ سىزگە مۇشۇ سۆزلەرنى ئۇچراتقۇزغانلىقى سىزنى تاشلىۋەتمىگىنىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئاللاھ ھەممەيلەنگە توغرا يولنى كۆرسەتكەي! بىزنى رەھمىتىدىن يىراق قىلمىغاي! ئامىن!