601w
UnSeZ!
(Hi No. 1358569)
ئىز ياش ئىدۇق خوتەن شەھرىگە ئاتلىنىپ
كەلگەندە بىز
ئەمدى باش تالىپ ئاتالدۇق قالدۇرۇپ مەدرىستە ئىز
ئازئىدۇق دۇرسۇللوغەت سەرىفكە چىققاندا بىز
ئەمدى كۆپىيىپ دەرىس ئۆگەتكىدەك بولدى ئەنە ھالىمىز
قالدى مەدرس قالدى كىتاپ گاھى قازناقلاردا يەنە
قالدى نى - نى بۇخارى، مىشكات چاشقانلارغا مۇقاۋىسىز
مۇقاۋىسىز قالدى دېمەڭ ئىلىم خۇمار بۇدىياردا
مەشئەل بۇلۇپ ئوت ياققۇسى كەلگۈسىگە بۇدەۋرىمىز
قالدى يۇرت قالدى قېرىنداش قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى
چىقسا شامال قاۋىسا ئىتلار ھەم يۇقالماس دىنىمىز
توختىماس تالىپ يولىدىن گەرچە بۇ يول تىكەنلىك
بىز تىكەيلى كۆچەتنى مىۋىسىنى يەر بىركۈنى نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز
ئۈرۈمچىگە كەلدۇق مانا ئۆتتى بىلىم ئىچرە كۈنىمىز
شارائىتى باب كىلۇر ئالىمغا زالىمغا كارىسىز
كۆردۇق نى نى ئادەملەرنى ئىمانلىقيۇ ئىمانسىز
ئىھ !ئاللاھىم ئىنساب بەر ياشىمىسۇن بۇ خەق خۇداسىز
بىلگىن ئەستە ئەي خەلقىم دىن بېلەن پەن قارشىسىز
مەھمۇد بوۋام ئابدۇقادىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىمىز
كىملەر ئىدى ?نىمەقىلغان ? دىن ۋە ئىلىمدە پەخرىمىز
باساي دىسەڭ ئىزلىرىنى بولما دىنسىز ۋە ئىلىمسىز
ئاقسۇ خوتەن قەشقەردىن ئىلىم ئىزلەپ كەلدۇق بىز
ئۇسۇل ئويناپ ئۇقۇيمىز ئوينىغىلى يوق ۋاقتىمىز
ھەق كالامنى قۇرئاننى رەسۇلۇمنىڭ سۇننىتىنى
ئۆگەنسەمكەن ئارزۇيۇم شۇندا بولاتتىم ئارمانسىز
خەلقىم نادان يېزام غەپلەتتە ئۇكىلىرىم يۈگەنسىز
ھەتتا قۇرئان ساۋادى يوق مەسچىتلەردىن خەۋەرسىز
كىسەل چىرماپ ئۈممەتنى ئۈمۈد ئۈزدى ئەتىدىن
تاپسام دەيمەن ماس دورىنى گۈللىنەردى ھالىمىز
ئىلىم پەندە يېتىشتى دوكتۇرئاشتى ماگىستىرلار
ئابدۇقادىر ئىزىنى باستى يولۋاس كەبى ئارسىلانلار
بىزدە ئىختىلاپ بولمىسىمۇ يىتەر ئىدى بۇدەرتلەر
كەل زىيالى كەل تالىپ ھەممىمىز قېرىنداشلار
ئابدۇقادىر دېدىكى ئۈممەتتىكى چوڭ ئاسارەت
نادانلىق ۋە ئىتىپاقسىزلىق بولسۇن نەدە سائادەت
دىنىمىز نى چىڭ تۇتۇپ ئىلىم پەندە قوراللىنىپ
ماڭساق دەيمەن مەنزىلگە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ
شۇندا بۇلۇر ئىدۇق ئۇيۇشقاق ئۇيغۇر ئۈممەت
قەددىڭنى تىك تۇتقىن سەن ئىسلام ئەۋلادى
خەلقىڭنى ئۇنۇتمىغىن ئۇ كۈرەش ئەنسارى
جاھالەتكە نۇرچاچقىن بۇلۇپ ئىلىم مەشئىلى
ھەق يول ئۈچۈن پىدا بولسۇن ھاياتى ۋە ماماتى
شۇئان بۇلۇرسەن ئاخەرەتتە رەب رىزاسى جەننىتى