594w
Muhammad
(Hi No. 1359913)
بۇ دىن قۇربانلىق دىنىبۇ دىن ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيسىسسالام ئۈزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلىنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان...
سىز شۇنداق قىلالامسىز؟؟؟!!!
ياق ! سىز ۋە بىز ھېچقايسىمىز ئۇنداق قىلالمايمىز. چۈنكى ، بىزدىكى ئىمان ناھايىتى زەئىپ !
سىزنىڭ دائىم پەرزەنىتلىرىڭىزگە دەيدىغىنىڭىز:« بالام! بولدى نامازلىرىڭنى ئوقۇما! خىزمىتىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن !
بالام ! بولدى مەسچىتكە بارما ! خىزمىتىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن!
بالام ! بولدى جۈمە نامىزىغا بارماي ئۆيدە ئۇقۇ ! خىزمىتىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن !
بالام ! بولدى روزا تۇتما ! ئاغرىپ قالىسەن !
قىزىم ! بولدى ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ . خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز !
قىزىم ! بولدى كۆڭلىكىڭىزنى قىسقا كىيىڭ. خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز !...........
بۇ ھازىرقى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلىرىگە بولغان مۇھەببىتى........
ئەسلى مۇھەببەت مۇنداق:
بالام ! سەھەر تۇرۇپ مەسچىتكە بارغىن! جۈمە نامىزىغا بالدۇر بېرىپ بىر تۈگە سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالغىن !
بالام! نامازلىرىڭنى ئەس-ھۇشۇڭ جايىدىلا بۇلىدىكەن ۋاختىدا ئوقۇغىن !
بالام! روزا تۇتقىن. دەۋزەخ بىلەن ئارلىقىڭ يىراقلىشىدۇ. ئاللاھ شۇنداق دىگەن.
جېنىم قىزىم ! ياغلىقىڭىز ھېچبىر زامان بېشىڭىزدىن چۈشۈپ كەتمىسۇن. كۆڭلىكىڭىزنى ئۇزۇن ۋە ئازادە كىيىڭ. تۇلۇق يۆگىنىڭ! ئاللاھ شۇنداق بۇيرىغان.
ئۇنداق قىلمىساڭلار يۈرەك پارىللىرىم، جەننەتتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر ! ئاللاھتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر !................ مەن سىلەرنىڭ بىر دەقىقىمۇ دەۋزەخ ئوتىدا قېلىشىڭلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيمەن ئەزىزلىرىم !..........
بۇ دىن قۇربانلىق دىنى !
بۇ دىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسىگە ھېچكىم يىتەلمەيدۇ . پەقەت يول ئۈستىدە قۇربانلىق بىرىدۇ.
چۈنكى، بۇ دىن - قۇربانلىق دىنى!