595w
ئۇيغۇر
(Hi No. 1358770)
✅✅✅ھەقىقى مۆئمىننىڭ سۈپىتى💐 مۇئمىن داۋاملىق راست گەپ قىلىدۇ، داۋاملىق خەير – ئېھسان قىلىپ تۇرىدۇ.
💐مۇئمىن ياخشى كۈنلەردە شۈكۈر قىلىپ، يامان كۈنلەردە سەۋر قىلىپ، باياشات كۈنلەردىمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرغان كىشىدۇر.
💐 مۇئمىن كىشى غۇرۇرلۇق، سېخىيدۇر، ھەر كىشى ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن خاتىرجەم ھالدا ياشايدۇ، لېكىن مۇئمىن كىشى داۋاملىق ئېھتىيات بىلەن ياشايدۇ.∗ مۇئمىن باشقىلارنىڭ تەلىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندايدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا بەك كۈچەپ كەتمەيدۇ.
💐مۇئمىن كىشى ئىمانىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن، ئېتىقادسىزلىقتىن قورقىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
💐مۇسىبەتكە يېقىن، غەم – قايغۇدىن ئۇزاق، ئورۇنسىز گەپ قىلمايدىغان، ئەمەل – ئىبادىتى خالىس بولغان كىشى ھەقىقىي مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ.
💐ئىرادىسى پولاتتىن قاتتىق، ئىنتايىن كەمتەر بولغان كىشى ھەقىقىي مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقىي مۇئمىن ئەتراپقا قارىغاندا ئىبرەت كۆزى بىلەن قارايدۇ، سۈكۈتتا تۇرغىنىدا تەپەككۇر قىلىدۇ، گەپ قىلغىنىدا ﷲنى زىكىر قىلىدۇ، نېمەتكە ئېرىشكەندە شۈكۈر قىلىدۇ، مۇسىبەتكە يولۇققاندا سەۋر قىلىدۇ.
💐 ھەقىقىي مۇئمىن نەسىھەت ئاڭلىغاندا گۇناھلىرىدىن قول يىغىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلغاندا ئېھتىيات قىلىدۇ، ئىبرەتلىك بىرەر ۋەقە ئاڭلىغاندا ئىبرەت ئالىدۇ، ھەق ئەسلىتىلسە قوبۇل قىلىدۇ، قېرىنداشلىرىدىن ئەزىيەت يەتسە كەچۈرۈم قىلىدۇ.
💐 ھەقىقىي مۇئمىن كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمەيدۇ.
💐مۇئمىننىڭ خۇشاللىقى چىرايىدا، كۈچى دىنىنى قوغداشتا، قايغۇسى يۈرىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.
💐 مۇئمىن كىشى ئەقلىنى كۈچەيتىش، شەھۋەتلىرىنى يوقىتىش، ﷲقا بويسۇنۇش ۋە خاھىشىغا قارشى چىقىشقا بارلىق كۈچى بىلەن تېرىشىشى كېرەك.
💐باياشادلىقنى سىناق، بالا – مۇسىبەتنى ئاگاھلاندۇرۇش دەپ بىلمىگۈچە مۇئمىننىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ.
💐ئالتۇن ئوت بىلەن تاۋلانغاندەك، مۇئمىنمۇ بالا – قازا بىلەن تاۋلىنىدۇ.
💐 مۇئمىننىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئالاھىدىكىلى بار: راستچىللىق، ئېشەنچ ۋە خىياللارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك.
💐ھەقىقىي مۇئمىن غەم – ئەندىشىسىنى ئاخىرىتىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ كېلەچىكىگە بېغىشلايدۇ.
💐 مۇئمىن قېرىندىشى ئاچ قالغان ۋاقىتلاردا قەتئىي توق تۇرماسلىقى، بەلكى قېرىندىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك.
💐 مۇئمىننىڭ تەبىتى باشقىلارغا خەيرخاھلىق قىلىش، خىسلىتى ئەپۇ قىلىش.
💐مۇئمىننى ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ، يامانلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ.
💐ھەقىقىي مۇئمىننىڭ تەقۋادارلىقى قەلبىدە ئورۇن ئالىدۇ، پەزىلىتى گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتا نامايان بولىدۇ.
💐مۇئمىن پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولىدۇ، گۇناھلىرىدىن قايغۇرىدۇ.
💐مۇئمىن مۇلايىم، سىلىق – سىپايە، ئوچۇق – يورۇق، ئېشەنچىلىك بولىدۇ.
💐 مۇئمىننىڭ يېتەرسىزلىكى ئاز، ياخشى ئىشلىرى كۆپ بولىدۇ.
💐 مۇئمىن كۆڭلىگە كەچكەن بولمىغۇر خىياللىرىغا قايغۇرىدۇ، دوستلىرىغا كۆيۈمچان بولىدۇ.
💐مۇئمىن نائىنساپ كىشىلەرگىمۇ ئىنساپ بىلەن مۇئاملىە قىلىدۇ.
ھەزرىتى ئـەلىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى
8 Comments
تَامُرْ تُرْكِيٌ :
5"
550w