Avatar
629w
ئۇيغۇر (Hi No. 1358770)
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

دۇنيا ئۆتسۇن كۆزۈڭدىن
نۇر يۈتمىسۇن يۈزۈڭدىن
ھېساپ سورا ئۆزۈڭدىن
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

پىلان قۇرغىن تۇرغاندا
ئەقىل چوغدەك يانغاندا
سۇئال سورا تالغاندا
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

يۈرۈشتىمۇ ئىشلىرىڭ؟
كىرىشتىمۇ چىشلىرىڭ؟
سوراق بولسۇن غەشلىرىڭ
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

ئەزالىرىڭ ئۆيۈڭدە
سۇ ئىچتىمۇ كۆڭۈلدە؟
جاۋاپ ئۈنسۇن كۈيۈڭدە
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

تىرىش-تىرماش ئىشلىگىن
قىشنى يازدەك قىشلىغىن
ئۆزلۈك جاۋاپ ئىزدىگىن
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

كۈچكە تولسۇن بىلىكىڭ
تېشىپ تۇرسۇن يىلىكىڭ
سالماق سوقسۇن يۈرىكىڭ
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

رەتكە سالغىن كۈنۈڭنى
چۈشكە ساتما تۈنۈڭنى
سۈزگىن ئەقىل سۈيۈڭنى
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

ئىش-ئىزلاردا ئادىل بول
چېكىنمىگىن قابىل بول
روھنى پاكلا كامىل بول
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

يىراق تۇرغىن تەمەدىن
جاي تەگسىمۇ پەگادىن
پىكىر ئالغىن دانادىن
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

توپ ئۆرلەيدۇ يەل بىلەن
ئەر كۆكلەيدۇ ئەل بىلەن
ئويلا بۇنى پەم بىلەن
ھەر ئاخشىمى ئون مىنۇت

مەنبە :جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
2 Comments
Mike wageh :هل تحدث العربية628w
ئۇيغۇر :ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم629w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms