603w
Muslim -Turk
(Hi No. 1358217)
موتىۋەر ئېشەكلە. يىراقتىن كۆتۈرۈلگەن كۈلكە ئاۋازى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. بۇ بۈك-باراقسان ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە ئالتە-يەتتەيلەن ھاراق ئىچىپ كەيىپ بولۇپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ سەل نېرىسىدا بىر ئانا-بالا ئېشەك باغلاقلىق ئىدى. ئۇلار تەرەپتىن
كۈلكە-چاقچاقنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى ۋە يېڭىدىن ئادەملەر كېلىپ تۇراتتى.
تېخى ئەمدىلا كەلگەن ئوتتۇرا بويلۇق، يوغان قورساق، قاپقارا ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشكەن بىرى سورۇندىكى ھاراق
بوتولكىسىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ ئولتۇردى. شۇ ئەسنادا ئورۇق، ئېگىز بوي، قوۋۇزلىرى ئىچىگە كىرىپ
كەتكەن بىرى بىر رومكا ھاراقنى قولىغا ئېلىپ:
ـــ ھە ئاكا، ئەمسە ئۆزلىرى بىر باشلاپ بەرسىلە، ـــ دېگەچ رومكىنى يوغان قورساق ئادەمگە ئۇزاتتى.
ـــ ياق، ئۇكام، مۇشۇ ئېشەك سۈيدۈكىنى ئىچمىسەك بولمامدۇ؟ ـــ دېدى ئۇ يوغان قورساق كىشى.
ـــ ئاكا ئۆزلىرىنى دېمىسەك بۇ ئېشەك سۈيدۈكىنى بىزنىڭمۇ ئىچكۈمىز يوق دەيمەن، قېنى كۆتۈرۈۋېتەيلى، ـــ دېدى
ۋە قولىدىكى ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى.
ـــ بوپتۇلا، كۆڭلۈڭلار، ـــ دېگەچ قولىدىكى رومكىنى دەست كۆتۈرۈۋەتتى ھەم ساقىلىنى سىلاپ قويدى.
شۇ دەمدە نېرىراقتىكى تەخەي ئانىسىدىن سورىدى:
ـــ ئانا، ئولارنىڭ ئىچىۋاتقىنى راستتىنلا بىزنىڭ سۈيدۈكىمىزما؟
ـــ ياقەي بالام، ـــ دېدى ئانا ئېشەك بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ.
ـــ ئۇلار ئەمسە نېمىشقا ئېشەك سۈيدۈكى دەيدۇ؟
ـــ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىۋاتقىنى سۈيدۈكىمىزدىن قېلىشمايدۇ، ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن بىزگە ئۇخشاش تولا سىيىدىغان
بولۇپ قالىدۇ، ـــ دېدى ئانا ئېشەك يېقىنلا يەردە ئۆرە تۇرۇپ سىيىۋاتقان بىرەيلەنگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
تەخەي يەنىلا چۈشىنەلمەي سورىدى:
ـــ دېمەك ئۇلار بىلەن تەرىتىمىز ئوخشاش بولسا ئۇلارمۇ ئېشەككەندە؟
توغرا دېدىڭ بالام، ـــ دېدى ئانا ئېشەك سورۇندىكىلەرگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ـــ لېكىن ئۇلار بىزگە
ئوخشىمايدىغان مۆتىۋەر ئېشەكلەر.