603w
ئۇيغۇر
(Hi No. 1358770)
يېقىندا ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق دوختۇرخانىسى رەھبەرلىرى يىغىن ئىچىپ، يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىمارلار ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ دوختۇرخانا ئىچىدە ناماز ئوقۇشىنى،ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىشىنى قاتتىق توسۇش،دوختۇر-سىستىرالار ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ دەسلەپتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش،قايتا ناماز ئوقۇغۇچىلارنى كېسەلخانىدىن چىقىرىۋىتىش(كېسەلنىمۇ بالنىستىن مەجبۇرى چىقىرىۋىتىش)،بۇ ئىشقا سۇسلۇق قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈنۈم مۇئاشىدىن تۇتۇش دىگەن قارارنى چىقارغان. كىشى ئاغرىپ قالغاندا تەسەللىگە،روھى ئوزۇققا تېخىمۇ مۇھتاج بولىدۇ،كېسەلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئەگەر ئۇ ھەقنى چۈشىنىدىغان مۇسۇلمانلا بولىدىكەن ،كېسەلنىڭ شىپاسىنى ئاللاھ بېرىدىغانلىقى،دوختۇرنىڭ پەقەت سەۋەپ قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ،شۇ مەقسەتتە ياراتقان رەببىگە سېغىنىپ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ.شۇ بىچارە بىمارنىڭ مىڭ تەستە يىغقان پۇللىرىنى بۇلاڭچىدەك ئىنساپسىزلىق بىلەن يۇلۇۋالغاننى ئاز دەپ ئەمدى ئۆز رەببىگەئىلتىجا قىلىپ ئاجىزلىق ئىزھار قىلىش ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋىلىش،تېخى ساقايمىغان كېسەلنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېتىش تەھدىتى بىلەن قورقۇتۇش -دۇنيا تارىخىدا مۇنداق ئىنساپسىزلىق،رەزىللىك ئاز ئۇچرايدۇ.دوختۇر-سېستىرالار ئىچىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلارنىمۇ ئاپشاركىلىققا سېلىش،ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى قىلىشنى چۈشىنىش تېخىمۇ تەس.
ھىجاپقا،نامازغا قارشى تۇرۇش نەق ئاللاھقا،ئۇنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلالمىغانلار ئەمدى ھىس قىلىۋالسۇن!تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلارمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ توغرا يولىدا مۇستەھكەم تۇرسۇنكى،ھەرگىز دىنىنى ئەرزان پۇلغا ساتمىسۇن! دوختۇرخانىدا شۇنداق ئىشقا ئۇچرىغانلار قورقۇپ كەتمەي ئۆز ھوقۇقى،ئىنسانلىقى،ئېتىقادىنى قوغدىسۇن!چۈنكى ھەق يولدا توسالغۇلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئىلاھى قانۇنىيەت،سەبىر قىلىشسۇنكى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ياردىمى يېقىندۇر!
ئۆزەڭلارنىڭ توپلىرىغا تارقىتىپ قويۇڭلار،ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ.