3 Comments
milik :
بار ئىكەنۇ يوق ئىكەن ،ئاچ ئىكەنۇ توق ئىكەن، توخۇ قونداقتا ئىكەن، ئۆچكە قوتاندا ئىكەن، تېرىق تۇلۇمدىكەن، قىزلار تالادا ئىكەن، ئاياللار بازاردا ئىكەن، ھازىدار مازاردا ئىكەن، پۇلى بار نوچى ئىكەن ، يىگىتلەر پوچى ئىكەن، ھازىرقى زاماندا جۇڭگۇنىڭ غەربىدە، ئاسىيانىڭ كىندىكىدە «ئۇيغۇر» دەيدىغان بىر مىللەت ياشايدىكەن.دىنى ئىسلام ئىكەن ،قىلغىنى ئىسلاھ ئىكەن. بايراملىرى بەك كۆپ ئىكەن، چۈنكى خەقنىڭ بايرىمىنىمۇ قوشۇپ ئوينايدىكەن، سانىسا بارماق يېتىشمەيدىكەن
...
، ئۆزىنىڭ بايرىمىنى خەق تەبرىكلەپمۇ قويمايدىكەن. ئىسلامنىڭ بايرىمى كەلسە مۇسۇلمان بوپ ئوينايدىكەن، خىرىستىياننىڭ بايرىمى كەلسە خىرىستىيان بوپ ئوينايدىكەن، بۇددانىڭ بايرىمى كەلسە بۇتچى بوپ ئوينايدىكەن، ئىشقىلىپ بايراملا بولسا ئوينايدىكەن، ناخشا ئۇسۇل كۈلكە چاخچاقلارغا بەكمۇ ھېرىسمەن ئىكەن، چوڭ كىچىك، قېرى ياش ھەممىسى دېگۈدەك ناخشا پاخشا، ئۇسۇل پۇسۇل، كۇلكە چاخچاق مۇقام پۇقاملارنى يىرتىۋىتىدىكەن، قۇرئان ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيدىكەن، كۈلكە چاخچاق ئۇسۇل ناخشا بولمىسا تويى توي بولمايدىكەن، سىز كىم دىسە مۇسۇلمان دەيدىكەن، چۈنكى چوشقا گۆشى يىمەيدىكەن، ئىسلامدا نەچچە بايرام بار دىسە ئىككى دەيدىكەن، نەچچە بايرام ئوينايسىز دىسە بارماق سانايدىكەن، شەرئى ئەھكامدىن سۆز ئاچسا قۇلاقنى ئىتىۋالدىكەن، خانىم قىزلارنىڭ بەك كۆركەم ئەتلەس دەيدىغان كۆينىكى بار ئىكەن، چىمەن دوپپىسى بەك گۈزەل ئىكەن، بىراق دوپپىسى چوققىسىدىن، كۆينىكى تىزىدىن ئاشمايدىكەن، بۇنى مەدىنىيەت سانايدىكەن. مۇقاملىرى ۋە سازلىرى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتماقچى بوپتىدەك، شۇ نەرسىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ «مەن ئۇيغۇر» دەپ ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلماي بەكمۇ خۇشال ياشامىش!😱😰
See More
601w