603w
ئۇيغۇر
(Hi No. 1358770)
بۈگۈن(2013-6-7-كۈنى)شەھەرلىك پارتىكوم جىددى يېغىن چاقىرىپ پۈتكۇل ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ خوتەن شەھرى ئىچىدىكى بارلىق روپاچلارنى يوقۇتۇش توغرىسىدا ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ئاچتى.يېغىنغا شەھەر باشلىقى ئادىل ئاخۇن رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.ئاساسى مەزمۇنى مۇنۇلار:نۆۋەتتە خوتەن شەھرى خانىم-قىزلارنىڭ كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بۇيىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ,يۈزىنى ئورىۋالغانلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.ھازىرقى مۇھىم مەسىلە بۇ روپاچلارنى قانداق ۋاستە قوللانغاندا يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرلەشتى.ئاخىردا ئۇيان ئويلۇنۇپ بۇيان ئويلۇنۇپ يۇقارقىدەك چارە ئوتتۇرغا قويۇلدى.1)سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرسىدىكى دۇكان -سارايلادا روپاچلارنىڭ مال سېتىشىغا يول قويماسلىق گەپ ئاڭلىمىغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش.2)ئاممىۋى قاتناش ئاپتوۋۇز تاكسى ماشىنلاغا روپاچلارنى چىقارماسلىق خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ماشىنىسىنى سۇلاپ قويۇش.3)ج خ ئورۇنلىرى يوللاردا ئۇچراتقان روپاچ ئاياللارنىڭ ئادرىسىنى تىزىملاپ نۇپۇس قاراشلىق ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بىرىش,ئاھالە كومىتىت خادىملىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى روپاچلارغا قايتا-قايتا ئىدىۋى خىزمەت ئىشلەپ يۈزىنى ئېچىۋېتىشقا دەۋەت قىلىش.ماسلاشمىغانلارنى سىياسى مەكتەپنىڭ ئۆزگەرتىشىگە تاپشۇرۇپ بىرىش.4)ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ روپاچ ئاياللارغا ئىش بىجىرمەسلىك ھەم كىرگۈزمەسلىك.5)دۆلەت ئىگىلىگىدىكى دوختۇرخانا بولسۇن خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى داۋالاش ئاپىراتلىرى بولسۇن بىردەك روپاچ ئاياللارنىڭ كىسىلىنى داۋالىماسلىق ھەمدە دوختۇرخانا ئىچىگە قەتئى كىرگۈزمەسلىك .......6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خۇپىيانە تەكشۈرۈپ ,خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردىغالىقىنى ئۇختۇردى تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلە بايقالغان ئورۇننى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىدىكەن.شۇڭلاشقا ھەرساھەدىكى قېرىنداش بۇرادەرلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە مەزكۈر تىمىنى يازدىم (تارقىتىپ قويۇڭ)hap [奋斗] #