603w
_______a••••••••
(Hi No. 1358381)
ئىخچام پەتىۋالاربىسمىللەھىررەھماننىررەھىم
1-سوئال:تاھارەتسىز ھالدا قۇرئاننى يادقا ئۇقۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ. جۇنۇپ بولسا بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. غۇسلى قىلىشى كېرەك.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى.
2-سوئال: قۇرئاننى سۆيۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب:بۇنداق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە ھېچقانداق ئاساسى يوق.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
3-سوئال: قۇرئاننى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
4-سوئال: قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇسا قانچىلىك ساۋاب بولىدۇ؟
جاۋاب: قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇش قۇرئان ئۆگىنىشنىڭ بىر بۆلىكىدۇر. (ئوقۇپ،ئەمەل قىلسا) بۇنىڭ ساۋابى چوڭ.
پەتىۋا بەرگۈچى: مۇفتى ئىبراھىم دېسەي.
5-سوئال: ھەر قانداق بىر خەت(ماقالە، كىتاب مەكتۇب...) يازغاندا"بىسمىللەھىررەھمانىررەھىم" بىلەن باشلاشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: بۇنداق قىلىش سۈننەت.(بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش بولىدۇ، ياخشى ئىش)
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
6-سوئال: "سۈرە دۇخاننى كېچىدە(ئاخشامدا) ئوقۇسا ئۇ كىشى ئۈچۈن كېچىچە يەتمىش مىڭ پەرىشتە ئىستىغفار تىلەيدۇ" ناملىق ھەدىس سەھىھمۇ؟
جاۋاب:بۇ زەئىپ ھەدىس.(زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىنمايدۇ. دىققەت: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقانلىكى سۆز بولسا ھەممىسى سەھىھ.)
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
7-سوئال:ئۆز چۈشەنچىسىگە ئاساسەن قۇراننى تەپسىر قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:بولمايدۇ.(ئەسكەرتىش: بۇنداق كىشىنىڭ تەپسىرى توغرا چىقىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئىلىمسىز ھالدا تەپسىر قىلغانلىقتىن گۇناھكار بولىدۇ. بۇ توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس بار.)
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
8-سوئال: قۇرئانغا پۇتىنى ئۇزۇتىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: قۇرئانغا ھەرقانداق شەكىلدە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش چەكلىنىدۇ.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
9-سوئال: ئويۇنچۇق بويۇملارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئويۇنچۇق بويۇملارغا(قەبرىلەرگە، ھەرخىل جاھازىلارغا) قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىش چەكلىنىدۇ. بۇنداق قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
10-سوئال:قۇرئان ئوقۇۋاتقان كىشى سالامغا جاۋاب قايتۇرسا بولامدۇ؟
جاۋاب:قۇرئان وقۇۋاتقان كىشىگە سالام قىلىنسا، سالامغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
11-سوئال: قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەق ئالسا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.(ئەسكەرتىش: كىشىلەر دىنىي ئىلىملاردىن، شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن خەۋەرسىز يۈرۈشكەن بۇنداق بىر زاماندا، قۇرئان ئۆگەتكىنى ئۈچۈن پۇل ئېلىشى، قۇرئانمۇ ئۆگەتمىگەن، پۇلمۇ ئالمىغانغا قارىغاندا ياخشى. ئەلۋەتتە، ھەقسىز ئۆگەتسە تېخى ياخشى.)
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
12-سوئال: مەندىكى قۇرئاننىڭ بەتلىرى يىرتىلىپ، پايدىلىنىشقا مۇمكىن بولمىدى. شۇ يىرتىلغان بەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمەن؟
جاۋاب: مەسجىدكە تەۋە جايغا ئاپىرىپ كۆمۈۋەتسىڭىز ياكى كۆيدۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
13-سوئال: مېڭىۋاتقان، ئۆرە تۇرغان ياكى ياتقان ھالەتتە قۇرئان قىرائەت قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
14-سوئال: ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا قۇرئان ئوقۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
15-سوئال: قۇرئاننىڭ مەلۇم ئايەت ياكى سۈرىلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن"سەدەقەللاھۇل ئەدزىيم"دېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: بۇنداق قىلىش بىدئەتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ، تۆت خەلىپە(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم)مۇ، باشقا ساھابىلەرمۇ، سەلەفلەرمۇ بۇنداق دېمىگەن. ھالبۇكى، ئۇزاتلار قۇرئان ئىلىملىرىدە توشقان، قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرىدىغان زاتلار ئىدى. قۇرئانغا ئىلىملىرىگە پىششىق ۋە قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىگە ناھايىتىمۇ دىققەت قىلاتتى.
غەلىبە ئاللاھتىندۇر.(ئەسكەرتىش: بۇنداق ئىشلار خېلى چوڭ-چوڭ قارىيلارنىڭ ئارىسىدىمۇ خېلى ئومۇملۇشۇغلۇق. ھالبۇكى، قارىيلىقتا ئاسمانغا تاقاشقان كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىندا قىلغىنى رەسۇلۇللاھقا، ساھابىلەرگە ۋە سەلەلفلەرگە ئۇدۇل كەلمىسە ئۇنىڭ قىلغىنى ئسىلامغا ھۆججەت بولالمايدۇ. پالانچى قارىم شۇنداق دەيدىكەن، بۇنىڭغا نېمىدەيسەن، دەيدىغان گەپ چىقسا،"ئاللاھنىڭ رەسۇلى،ساھابە كىراملار ۋە سەلەف ئىماملار ئۇنداق دېمىگەن، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟ كىمگە ئەگىشىسىز؟ دەيمىز.")
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
16-سوئال: ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، ياكى ئات، ئېشەك، تۆگە دېگەندەك ھايۋاناتلارغا مىنگەن ھالدا ياكى مېڭىپ كېتۋاتقان ھالدا قۇرئان قىرائەت قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: بۇنداق قىلسا بولىدۇ.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
17-سوئال: جۇنۇپ كىشىنىڭ قۇرئاننى دىلىدا ئوقۇشى ياكى كىتابقا قاراپ ئوقۇشىغا بولامدۇ؟ تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇسىچۇ؟
جاۋاب: جۇنۇپ كىشىنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى يادقا(ياكى كىتابقا قاراپ) ئوقۇشى چەكلىنىدۇ. ئەگەر غۇسلى قىلشقا سۇ تېپىلمىسا، ياكى سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغان كېسەل بولسا، ئۇ ھالدا تەيەممۇم قىلغاندىن كېيىن شۇنداق قىلىسا بولىدۇ.(دىققەت:ماۋۇ بولىدۇ، دېگەن ئەھۋال ئالاھىدە ئەھۋال.)
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
18-سوئال: قۇرئان پىلاستىنكىلىرىنى جۇنۇپ كىشىنىڭ تۇتۇشى ۋە يۆتكىشىگە بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
19-سوئال:ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشىغا بولامدۇ؟ قىرائەت قىلىپ(ياكى دىلىدا) ئوقۇشىغا بولامدۇ؟
جاۋاب: تۇتشىغا بولمايدۇ.
ئىككى چوڭ فىقىھ ئېقىمىنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، ھەيزدار ياكى تۇغۇتتىن بوشانغا ئايالنىڭ قۇرئاننى تۇتماستىن قىررائەت قىلىشىغا، دىلىدا ئوقۇشىغا بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇنى چەكلىگەن سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن.
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
20-سوئال: تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئاننى تۇتماستىن يادقا ئوقۇشىغا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.(ئەسكەرتىش: تاھارەتسىز، جۇنۇب، ھەيزدار، نىفاس ھالىتىدىكى كىشىلەرنىڭ پەۋقۇلادە ئەھۋال قۇرئاننى تۇتۇشىغا بولمايدۇ.)
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتى
6 Comments
…… :ە551w